تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

زەپەنىڭ رولى

   زاڭزۇ تېبابىتىنىڭ قەدىمقى ئەسىرى «مەرۋايىت دورا ئۆسۈملۈكلىرى»دە مۇنداق خاتىرلەنگەن: زەپە جۇخارگۈلىگە ئوخشايدۇ، سېرىق قىزىل كېلىدۇ، خۇش پۇراق، ئىچسىڭىز ھۇزۇر بېغىشلايدۇ، يەل ھەيدەپ، تۈگۈنلەرنى ئېچىپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ، ئۇيىغان قاننى ئېرىتىدۇ، بەدەنگە قۇۋۋەت قىلىدۇ، گۈللەر ئىچىدىكى ئېسىل گۈل ھېسابلىنىدۇ.

  زەپەنىڭ دورىلىق ئۈنۈمى ئاجايىپ بولۇپ، بولۇپمۇ قاننى جانلاندۇرۇپ، قاننى قۇۋۋەتلەش بىلەن دۇنيادا داڭق چىقارغان، قاننى جانلاندۇرۇپ ئۇيۇغان قاننى ئېرىتىش، قايغۇنى يوقىتىپ، تۈگۈنلەرنى ئېچىش قاتارلىق رولى بار، كەيپىياتنى ياخشىلاش، كۆكرەك سىقىلىش، قان تۈكۈرۈش، كېزىك، ۋەھىمە بېسىش، ئاياللاردىكى ھەيز كەلمەسلىك، تۇغۇتتىن كېيىن قورساقتا قان ئۇيۇپ ئاغرىش، يىقىلغاندىن كېيىنكى ئىششىق ئاغرىقىنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇزاق مەزگىل ئىچىپ بەرگەندە ھۆسىننى گۈزەللەشتۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

  زەپە جەنۇبىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق رايونلاردا يېمەكلىككە بوياق ماتېرىيالى ۋە تېتىتقۇ قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. يەنە بەزى رەسساملار زەپەنى تەتقىق قىلىپ بوياق قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغان، قولدا يىغىۋېلىنغان 50 مىڭ تالدىن ئارتۇق زەپە بىر قاداق كېلىدۇ، شۇڭا گۈل ئىچىدىكى ئالتۇن دەپ ئاتالغان.

  زەپەنىڭ تەبىئىيىتى مۆتىدىل، تەمى تاتلىق بولۇپ، كىلىنىكىدا قىزىتما ئۆرلەش، ھوشسىزلىنىش، سەپكۈن، بەدەنگە ئەسۋە چىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. زەپە قاننى سوۋۇتۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، ئايرىم ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدىغان ياخشى مەھسۇلات، مەسىلەن، ئوسما يوپۇرمىقى، ئوسما يىلتىزى بىلەن بىرلىكتە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. زەپەنى باشقا قاننى جانلاندۇرىدىغان دورىلار بىلەن بىرلىكتە ئىشلەتكەندە دورىنىڭ ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. زەپە بىلەن چاي دەملەپ ئىچسىمۇ بولىدۇ. تەركىبىدىكى ئائۇكسىننىڭ قېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار.

  يەنە بەزى ئادەملەرگە زەپە ماس كەلمەيدۇ. مەسىلەن، ھامىلىدار ئاياللار، يېڭىلا ئوپېراتسىيە قىلىنغانلار، ئاشقازان-ئۈچەي فۇنكىسىيەسى ياخشى بولمىغانلار. ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە زەپە ئىچىشكە بولمايدۇ، چۈنكى زەپەنىڭ بالىياتقۇنى جانلاندۇرۇش رولى بار، بولۇپمۇ ھەيز مىقدارى كۆپ ئاياللار ئىچسە بولمايدۇ، ئەگەر دائىم زەپە ئىچىپ بەرگەندە، قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش ھەتتا خۇن تەۋرەشنى پەيدا قىلىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى