تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋىرى): بۈگۈن (10-ئاينىڭ 16-كۈنى) شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق بولۇپ، سالقىن ھاۋا، گۈزەل كۈز مەنزىرىسى كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدۇ. تېمپېراتۇرا ئىنتايىن يېقىشلىق بولۇپ، ئەمما ئەتىگەن ۋە كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، شۇڭا كىيىم-كېچەكنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش كېرەك.
ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃15، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃4 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ. مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ ℃17 بولىدۇ، كۆپچىلىك سىرتلارغا بېرىپ سەيلە قىلغاچ، گۈزەل كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانسا بولىدۇ.
بۈگۈن ئازراق يامغۇر ياكى قارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلەكلىرى: G3013 لىنىيەسىنىڭ جىغىندىن ئۇلۇغچاتقىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ بوزيەردىن قونجىراپقىچە بولغان بۆلىكى، G219 لىنىيەسىنىڭ مازاردىن كاڭشىۋاغىچە بولغان بۆلىكى.