تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

گەنسۇ سۇنەن: پەسىل قۇشلىرى چىليەنشەن تېغى ئېتىكىدە «ئۇچراشتى»

 

 شىنخۇا تورى خەۋىرى: ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، چىليەنشەن تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان شارىتالا كۆلى، خېيخې دەرياسى، لۇڭچاڭ دەرياسى قاتارلىق سۇلۇق يەرلەر زور تۈركۈمدىكى پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار ئوزۇقلۇق ئىزدەپ ياكى پەرۋاز قىلىپ، گۈزەل ئېكولوگىيە كارتىنىسىنى ھاسىل قىلدى.

  چىليەنشەن تېغى مەملىكىتىمىزدىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە قارا بويۇن تۇرنا قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق قۇش ياشايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى سىجىل ياخشىلىنىپ، ئېگىزلىك سۇلۇق يېرىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايغانلىقتىن، ھەر يىلى نەچچە يۈز مىڭ پەسىل قۇشى بۇ يەردە ماكانلاشتى، كۆپەيدى.

 شىنخۇا تورى تارقاتقان (ۋۇ شۆفېڭ فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق «ئىئانە قويى»نى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاي ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىش پىلانلاندى
  • شىنجاڭ كورلا: كۈز مەنزىرىسى بىلەن پۈركەنگەن «قاقاس تاغ»