تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە قۇرۇش كېرەك

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ئۇلۇغ ئىجادىي ھەرىكەت. 1980 - يىلى 8 - ئايدا پارتىيە ۋە دۆلەت شېنجېن، جۇخەي، شەنتۇ، شيامېندا ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىشنى تەستىقلىدى، 1988 - يىلى 4 - ئايدا يەنە خەينەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇشنى تەستىقلاپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم كۆزنەكلىك ۋە ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى. ئۇزاقتىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ھەرقايسى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە دولقۇننىڭ بېشىدا مەزمۇت تۇرۇش، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسىنى پۈتۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.

10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار ياراتقان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ 40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشتا توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلىدى، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئالغا سىلجىتىشى توغرىسىدا مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئىدىيە چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇن مول، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، مۇقەرەر ھالدا پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت، پۈتۈن جەمئىيەتنى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە سەپەرۋەر قىلىدۇ.

شېنجېن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن پارتىيە ۋە خەلق بىر قوللۇق بەرپا قىلغان يېپيېڭى شەھەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ بىر ۋاراق ئاق قەغەزدىكى ئېسىل نامايەندىسى. شېنجېندىكى كەڭ كادىرلار، ئامما توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، 40 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ چەت ئەلدىكى بەزى خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەرلەر 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئارقىدا قالغان چېگرا رايوندىكى كىچىك بازاردىن يەر شارىۋى تەسىر كۈچىگە ئىگە خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەرگە ئايلىنىشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى، ئىمپورت - ئېكسپورت سودىسىنى ئاساس قىلىشتىن ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشكىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيلىك، سىياسىي مەدەنىيلىك، مەنىۋى مەدەنىيلىك، جەمئىيەت مەدەنىيلىكى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشقىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى، كىيىنىش - تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن يۇقىرى سۈپەتلىك ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگىچە بولغان تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەينى يىلى شېكوۋدىكى تاغ ئېچىش زەمبىرىكىنىڭ ئاۋازى ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە ياڭراپ تۇرماقتا، بۈگۈنكى كۈندىكى شېنجېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى ھاياتىي كۈچكە تولدى، بۇ، جۇڭگو خەلقى ياراتقان دۇنيا تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر مۆجىزە بولۇپ، دۇنياغا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ۋە ھەممە تەرەپنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاپ، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنى داۋاملىق قۇرۇپلا قالماي، بەلكى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قۇرۇش كېرەك».

قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنگەن ئىش ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئۆزگىچە بولىدۇ، ئۇنى تاماملاش ئاساندەك تۇيۇلغىنى بىلەن جاپا - مۇشەققەتكە تولغان بولىدۇ. شېنجېن قاتارلىق ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ھەربىر قەدىمى ئۇنچە ئاسانغا توختىمىدى، ھەممىسىگە جاپالىق تىرىشچانلىق سىڭگەن بولۇپ، ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنى يارىتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى: جەزمەن پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، جەزمەن تەرەققىياتنىڭ قاتتىق داۋلى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن قانۇننى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە چىڭ تۇرۇش، جەزمەن «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، جەزمەن پۈتۈن مەملىكەت بىر تاختا شاھمات ئىچىدە ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش. بۇ «ئون جەزمەن» پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە، جەزمەن ئۇنى ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىقتىساد يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا ئۆتۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى شەكىللىنىۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنە نۇرغۇن كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەر بار، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلارنىڭ تەرەققىياتىمۇ بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. يېڭى ۋەزىيەت يېڭى مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشقا موھتاج بولماقتا، يېڭى نەتىجە يارىتىشقا چاقىرماقتا، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونلار توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش قىلىش ھالىتى، بوران - چاپقۇنمۇ توسۇيالمايدىغان روھىي ھالەت بىلەن ئىسلاھاتنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا، ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ توختاپ قالماسلىقىغا تۈرتكە بولۇشى، كەڭ كادىرلار، ئامما يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بۆسۈپ ئۆتۈش» روھى، «يېڭىلىق يارىتىش» غەيرىتى، «ئىشلەش» ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلاپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ «باھار ھېكايىسى»نى داۋاملىق يېزىپ، تىرىشىپ دۇنيا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى تېخىمۇ زور مۆجىزىلەرنى يارىتىشى كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى