تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

لوپنۇر ناھىيەسدىكى قۇملۇق توغراق مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ساياھەتچىلەرگە مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتى تەقدىم قىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز لى لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ شۈ خەۋىرى): ئالتۇن كۈزدىكى 10-ئايدا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى، سىرلىق لوپنۇرلۇقلار مەدەنىيىتى، ئۆزگىچە قۇملۇق توغراق مەنزىرىسى ۋە تارىم دەرياسى مەنزىرىسى شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى، سەككىز كۈن داۋاملاشقان لوپنۇر قۇملۇق توغراق مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ھەرقايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرگە ئېسىل مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت كاتتا زىياپىتىنى تەقدىم قىلدى.

  10-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىدىكى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونىدىن ئىگىلىشىچە، لوپنۇر قۇملۇق توغراق مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلانغاندىن بۇيان، كەنتلەردە لوپنۇرلۇقلار ناخشا-ئۇسسۇل ئېسىل نومۇرلىرى ئورۇنلانغاندىن سىرت، يەنە قېيىق ھەيدەش مۇسابىقىسى، ئالتۇن كۈز قۇملۇق توغراق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، ساھىل پۇتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ۋە دالا تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى لوپنۇرغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلغان.

  ساياھەتچىلەرنى بىخەتەر، راھەت ساياھەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى تۆگە ئۆتىڭىنىڭ مەسئۇلى لى گاۋشەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن باشلاپ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، تۆگىلەرگە ئېگەر سەپلەپ، يەم بېرىپ، تۆگە قوتىنى ئەتراپى ۋە ئاممىۋى رايونلارنى دېزىنفېكسىيە قىلدى.

  «ھازىر ھەر كۈنى تۆگە مىنىشنى سىناپ باقىدىغان ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ، رازى بولۇش دەرىجىسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. گەرچە مەن چارچىغان بولساممۇ، بۇنىڭدىن رازى.» دېدى لى گاۋشەن خۇشال ھالدا.

  «مەن خېيلۇڭجياڭدىن كەلدىم، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشىم، بۇ يەردە ھەيۋەتلىك، گۈزەل ئېگىز تاغ، مۇزلۇق بولۇپلا قالماي، يەنە بىپايان قۇملۇق، تارىم دەرياسى بار ئىكەن. مەن بۈگۈن ئائىلەمدىكىلەرنى ئېلىپ لوپنۇرلۇقلار كەنتىگە ئوينىغىلى كەلدىم، بۇ يەردە چىرايلىق توغراقلىق، يەنە قۇملۇق ئېكسپېدىتسىيەسى بار ئىكەن. مەن بۈگۈن تۆگىگە مىنىپ، ئېگىز-پەس قۇملۇقتا ماڭدىم، تىپتىنچ كۆل يۈزىگە قاراپ، خۇددى كىنودىكىگە ئوخشاش ھېس قىلدىم، مەن بۇنىڭدىن كېيىن يەنە كېلىمەن.» دېدى ساياھەتچى ساۋ جىفېي.

  لوپنۇر قۇملۇق توغراق مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئەنئەنىۋى ساياھەت بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، لوپنۇر ناھىيەسى يەنە «قوش مۇنار» چەكلىك دالىدا جەڭ ئېلان قىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ، توغراقلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل پەسلىدە، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى داڭلىق يۈگۈرۈش ماھىرلىرىنى تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە تارىم دەرياسى قىرغىقىدا ئاخىرقى چەككە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى يېڭىپ، مۇسابىقە يولى مەدەنىيەت داڭلىق ماركىسىنى بەرپا قىلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق «ئىئانە قويى»نى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاي ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىش پىلانلاندى
  • شىنجاڭ كورلا: كۈز مەنزىرىسى بىلەن پۈركەنگەن «قاقاس تاغ»