تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

مەدەنىيەت ئاپتوموبىلى ئولتۇراق رايونلارغا كىردى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، مىدۇڭ رايونى گۇمۇدى غەربىي يولى تەۋەلىك رايونى يۈەنيى مەھەللىسىدە، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش پىدائىيلىرى مەھەللىدىكى ئاھالىلەرگە ماسكىنى توغرا تاقاش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ باردى ھەم ئاھالىلەرگە مۇھىت ئاسرايدىغان مال سېتىۋېلىش خالتىسى ۋە پەرتۇقنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردى. (مۇخبىر چېن يەن، پىراكتىكانت مۇخبىر سۈن خاۋ فوتوسى)

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر سۇڭ جيەنخۇا): ئاھالىلەر يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ۋە مەدەنىيلىك بىلىملىرىنى ئۆگىنىپلا قالماي، سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئارقىلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى ۋە مەدەنىيلىك بىلىملىرى بېسىلغان مۇھىت ئاسرايدىغان مال سېتىۋېلىش خالتىسى ۋە پەرتۇقىغا مۇكاپات بۇيۇمى سۈپىتىدە ئېرىشەلەيدۇ. 10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونى گۇمۇدى غەربىي يولى تەۋەلىك رايونى يۈەنيى مەھەللىسىدە مەدەنىيەت تەشۋىقات ئاپتوموبىلى ئولتۇراق رايونغا كىردى.

  «مەدەنىيەت ئاپتوموبىلى كەلدى!» ئەتىگەندىلا، جىنشيۇ جيايۈەن ئولتۇراق رايونى مەيدانىدا، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىغا ئەگىشىپ، نۇرغۇن ئاھالە پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلدى.

  مەدەنىيەت ئاپتوموبىلىنى جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى تىجارەت بۆلۈمىدىن مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە بىرلىشىپ ياسىغان بولۇپ، ئۇ ئۈچ چاقلىق ۋېلسىپىتتىن ئۆزگەرتىپ ياسالغان، سىرتىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرى، مەدەنىيلىك بىلىملىرى تەشۋىقات رەسىملىرى چاپلانغان بولۇپ، ئىچىدىكى كىتاب جازىسىغا كىتاب ۋە تەشۋىقات بۇيۇملىرى تىزىلغانىدى.

  مەھەللە مەدەنىيەت ئاپتوموبىلىنى ئوخشىمىغان ئولتۇراق رايونلارغا قەرەللىك ھەيدەپ كىرىپ، ئاھالىلەرنى ھەقسىز كىتاب ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئاپتوموبىلغا تايىنىپ تۈرلۈك تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى.

  «ماسكا تاقاشنىڭ توغرا باسقۇچى قانداق؟» مەھەللە خىزمەتچىسى بالىڭنىڭ سوئالىغا ئاھالە سۈي جىنلۇەن مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئاۋۋال ماسكىنى ئېچىپ تاقايمىز، ئاندىن بۇرنىمىزغا توغرا كېلىدىغان يۇمشاق تاياقچىنى چىمدىپ قويىمىز».

  «ئاساسىي جەھەتتىن توغرا بولدى، لېكىن يەنە بىرقانچە ھالقا كەم بولۇپ قالدى.» بالىڭ بىر ماسكىنى چىقىرىپ ئۈلگە كۆرسىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يۇمشاق تاياقچە بۇرۇن قىسقۇچى دەپ ئاتىلىدۇ، ماسكىنى ئاچقاندىن كېيىن، بۇرۇن قىسقۇچى ئۈستى تەرەپكە توغرا كېلىدۇ، ماسكىنىڭ قېنىق رەڭلىك تەرىپى سىرتقا قارايدۇ، ئاستى-ئۈستىنى ئېچىپ ماسكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشەپ، ئېغىز، بۇرۇن ۋە ئېڭەكنى ياپقاندىن كېيىن، ئىككى قولىنىڭ بارماق ئۇچى بىلەن بۇرۇن قىسمىنى قىسىپ، ئاندىن ئاستا-ئاستا باسىمىز، بۇرۇن قىسقۇچنىڭ بۇرۇندىن چۈشۈپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەنە تەڭشەپ قويىمىز ...».

  بالىڭ سۈي جىنلۇەنگە مال سېتىۋېلىش خالتىسى ۋە بىر پەرتۇقنى مۇكاپات قىلىپ بەردى. سۈي جىنلۇەن مۇنداق دېدى: قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى ئائىلەمدىكىلەرگە چوقۇم ئومۇملاشتۇرىمەن.

  جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى نىجات نىمەت مۇنداق دېدى: بىز 3000 دانە مال سېتىۋېلىش خالتىسى ۋە پەرتۇق ياسىتىپ، مەدەنىيەت ئاپتوموبىلى ئارقىلىق مەھەللە ۋە ئائىلىلەرگە كىرىپ تەشۋىق قىلىش جەريانىدا ئاھالىلەرگە تارقىتىپ بەردۇق، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئاھالىلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى