تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ قۇتۇبى: مىڭ مو يەردىكى شالنى ئورۇش باشلاندى

  10-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرىدا تېرىلغان مىڭ مو شالدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. شال ئورۇش نەق مەيدانىدا، شۇ جايدىكى ئامما ۋە ساياھەتچىلەر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناش، نەق مەيداندا شال ئورۇشنى ھېس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مول ھوسۇلنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

  بۇ يىل، قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرى بەيچۈەنخۇ سۇلۇق يېرىنى يادرو قىلىپ، مىڭ مولۇق شال تېرىقچىلىق بازىسى بەرپا قىلدى ھەمدە سۇلۇق يەر ئىستىراھەت ساياھىتى بىلەن يېزا ئىگىلىك سەيلە-ساياھىتى بىر گەۋدىلەشكەن يېزا-كەنت ئېكولوگىيە ساياھىتى بەرپا قىلىپ، ھەم كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى ھەم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئاپتورى: تاۋ ۋېيمىڭ، شېن شياڭ، يۈ تىڭ، ۋاڭ ۋېنلۇڭ (ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: قۇتۇبى ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، قۇتۇبى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازارلىق ھۆكۈمەت)

شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى