بايان قىلغۇچى: شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسى ئەرگۇڭ بازىرى توۋگۇڭ كوچىسى دۇڭسۈن كەنتىدىن جياڭ گۇاڭفۇ
رەتلىگۈچى: شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈ شى، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ دېفېڭ
ۋاقىت نېمىدېگەن تېز ئۆتكەن، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، مەن بۇ يىل 72 ياشقا كىردىم. ئۆمۈربويى تۇرغان ئۆيۈمنى ئەسلىسەم، كىچىكلىكتىن چوڭىيىپتۇ، كونىلىقتىن يېڭىلىنىپتۇ، ئاددىيلىقتىن ياخشىلىنىپتۇ، ھەقىقەتەن تەسىراتىم چوڭقۇر!
1973-يىلى مەن توي قىلغاندا، يۇرتداشلار ماڭا ياردەم قىلىپ ئۈچ ئاي كېسەك قويۇشۇپ بەرگەن، ئاران دېگەندە 50 كىۋادرات مېتىرلىق ئۈچ ئېغىز كېسەك ئۆي سالغان.
كېسەك ئۆينىڭ قاراڭغۇ، نەملىكىگە ھەرھالدا بەرداشلىق بەرگىلى بولىدۇ، ئەڭ باشنى ئاغرىتىدىغىنى، تۆت بالىنىڭ تەدرىجىي چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۆينىڭ كىچىكلىك قىلىشى.
1980-يىلى مەن ئۇياق-بۇياققا قاتىراپ 5000 يۈەن قەرز ئېلىپ، 100 كىۋادرات مېتىرلىق كېسەك-ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆي سالدىم. كېيىن يەنە بىر نەچچە قېتىم كونا ئۆينى رېمونت قىلدىم، يەنە تۆت بالىنى تەربىيەلەپ داشۆگە ماڭغۇزدۇم ھەمدە ئۇلارغا شەھەردىكى بىنادىن ئۆي ئېلىپ بەردىم.
2018-يىلى دۆلەتنىڭ سىياسەت تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ، 3-قېتىم يېڭى ئۆي سالدۇق. بېزەش ھەققىنى قوشقاندا جەمئىي 400 نەچچە مىڭ يۈەن خەجلىدىم. يېڭى ئۆي 180 نەچچە كىۋادرات مېتىر، ھويلىنىڭ كۆلىمى 800 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدۇ. مەن يەنە «شەرق قىزاردى» مەدەنىيەت ھويلىسى بەرپا قىلدىم، يۇرتداشلار كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ، ھويلىمىز ناھايىتى ئاۋات.
يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان، «تۇرىدىغان ئۆي يوق» بولۇشتىن «تۇرىدىغان ئۆي بولۇش»قىچە، ئاندىن يەنە «ياخشى ئۆيدە تۇرۇش»قىچە بولغان ئائىلەمدىكى ئۆزگىرىشلەردە، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى