شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى جېڭدىڭ ناھىيەسى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ تەرەققىياتىنى تېزلەتتى. نۆۋەتتە، بىر قىسىم يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى، ئىستىراھەت ساياھەت يېزا ئىگىلىكى، يۇقىرى تېخنىكىلىق زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان «ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانى» قۇرۇلدى ھەم سىرتقا ئېچىۋېتىلدى. بۇ «ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانى»نىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىك رايونى، ئىستېرېئولۇق تېرىقچىلىق رايونى، ئاشلىق كۆرگەزمە رايونى، ئىشلەپچىقىرىش رايونى ۋە تەتقىقات ئوقۇتۇش رايونىدىن ئىبارەت بەش بۆلەككە بۆلۈنۈپ، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر مەنزىرە تىپىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك يولىنى بەرپا قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتتى (شۈ جيەنيۈەن فوتوسى)
خېبېي جېڭدىڭ: «ئاقىل دېھقانچىلىق مەيدانى» يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى
مۇھەررىر :
رەنا دانىيار
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/10/16 18:55
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.