ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ چىڭگىل ناھىيەسىگە كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى چىڭلۇڭ كۆلى باغچىسىدا سەيلە قىلىدۇ. چىڭلۇڭ كۆلى كىچىك چىڭگىل دەرياسى ئېقىنىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، باغۋارانلاشتۇرۇش-كۆكەرتىش، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارغا ئىگە. باغچە ئىچى ساياھەت رايونى، سۇ ئۈستى پائالىيەت رايونى، ئىستىراھەت مۇلازىمەت رايونى، تەنھەرىكەت-بەدەن چېنىقتۇرۇش رايونى، بېلىق تۇتۇش رايونى، نومۇر ئورۇنلاش، كۆڭۈل ئېچىش رايونى قاتارلىقلارغا ئايرىلغان. ئومۇمىي كۆلىمى 160 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ.
كۈز پەسلىدە، باغچىدىكى چىڭلۇڭ كۆلى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرىدۇ، خۇددى كۆك تاۋار-دۇردۇنغا ئوخشاش، كۆل سۈيىدە ئىككى قىرغاقتىكى گۈزەل كۈز مەنزىرىسى ئەكس ئېتىپ، كىشىلەر كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان بىر پارچە شېئىرى سۈرەتتەك مەنزىرىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ.
«学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى