تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى قاتناش ساقچىلىرى غول يول ئېغىزلىرىدا يۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يەنە يېڭى تەدبىر قوللاندى

دوستلۇق يولى بىلەن قاراماي غەربىي كوچىسى كېسىشمە يول ئېغىزىدا غەربتىن شەرققە قاراپ ماڭغان يۆنىلىشتە، ئۈرۈمچى قاتناش ساقچى تارماقلىرى يول ئېغىزلىرىدىكى يۈرۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، سولدىن سانىغاندىكى ئىككىنچى ئۇدۇل ماڭىدىغان ئاپتوموبىل يولىنى ئۇدۇل ماڭىدىغان ۋە سولغا ئەگىلىدىغان يول قىلىپ تەڭشىدى. (مۇخبىر پېڭ فاڭ)

  شىنجاڭ تورى خەۋىرى (مۇخبىر پېڭ فاڭ): ئۈرۈمچى شەھىرى ئالتاي يولىدىن دوستلۇق يولى ئېغىزىغا قاراپ مېڭىپ، سەككىز قەۋەت تەرەپكە بارماقچى بولغان ئاپتوموبىللار ھازىر سولدىن سانىغاندا ئىككىنچى ئاپتوموبىل يولىدا سولغا بۇرۇلسا بولىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى دوستلۇق يولى ئوتتۇرا ئەترىتىدىن ئىگىلىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق تەۋەلىك رايوندىكى ئاساسلىق غول يولنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقى بولىدىغان نۇقتىلىرىنى تەكشۈرۈپ، توسۇلۇش سەۋەبىگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، قاتناش ساقچى تارماقلىرى دوستلۇق شىمالىي يولى بىلەن قاراماي غەربىي كوچىسى كېسىشمە يول ئېغىزى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دوستلۇق يولى ئېغىزى» دېيىلدى)دىكى غەربتىن شەرققە قاراپ سولغا بۇرۇلىدىغان 2-يۈرۈش يولنى سولغا بۇرۇلۇش + ئۇدۇل يۈرۈش يولىغا تەڭشىگەن. بۇ، بۇ يول ئېغىزىدا غەربتىن شەرققە قاراپ ماڭغان ئىككى ئاپتوموبىل يولىدا سولغا بۇرۇلۇپ ماڭغاندا، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە سولغا بۇرۇلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ قاتناش بېسىمى پەسەيتكىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  10-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، مۇخبىر دوستلۇق يولى ئېغىزىدىكى غەربتىن شەرققە قاراپ ماڭغان يولدا، تاق يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بولغان يول يۈزىدە، ئەسلىدىكى سولغا بۇرۇلىدىغان بىر ئاپتوموبىل يولى، ئۇدۇل ماڭىدىغان ئىككى ئاپتوموبىل يولى ۋە قوشۇمچە يولدىكى ئوڭغا بۇرۇلىدىغان بىر ئاپتوموبىل يولىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە يەر يۈزىدىكى بەلگە سىزىقنىڭ ئىككىنچى ئاپتوموبىل يولىنىڭ ھەم سولغا بۇرۇلغىلى بولىدىغان، ھەم ئۇدۇل ماڭىدىغان ئاپتوموبىل يولى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى كۆردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاراماي غەربىي كوچىسى بىلەن غەربىي ئايلانما ئوتتۇرا يولى كېسىشمە يول ئېغىزىغا جايلاشقان سىگنال چىرىغىنى سەپلەش لايىھەسى يېقىندا مۇناسىپ تەڭشىلىدۇ. نۆۋەتتىكى ئاپتوموبىل ئېقىم مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن، ئەسلىدىكى جەنۇبتىن شىمالغا ئۆزئارا يۆنىلىشتە ئۇدۇل مېڭىش، شەرقتىن غەربكە ئۆزئارا يۆنىلىشتە ئۇدۇل مېڭىش، شەرقتىن غەربكە سولغا ئەگىلىپ ئۆزئارا يۆنىلىشتە ئۇدۇل مېڭىش ۋاقىت تەڭشەش لايىھەسى، جەنۇبتىن شىمالغا ئۆزئارا يۆنىلىشتە ئۇدۇل مېڭىش، شەرققە يەككە يۆنىلىشتە مېڭىش، غەربكە يەككە يۆنىلىشتە مېڭىش ۋاقىت تەڭشەش لايىھەسى بويىچە تەڭشىلىدۇ. بۇ، بۇ يول ئېغىزىدا شەرق-غەرب يۆنىلىشىدە يۈرۈۋاتقان ئاپتوموبىللارنىڭ سىگنال چىرىغىنى سەپلىگەندىن كېيىن، سولغا ۋە ئۇدۇل ماڭىدىغان ئاپتوموبىللار بىلەن بىرلىكتە يول ئېغىزىدىن ئۆتۈپ، قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە شەرق-غەرب يۆنىلىشىدىكى ئاپتوموبىل ئېقىمى بېسىمىنىڭ ئۈنۈملۈك پەسىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى