تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

موڭغۇلكۈرە مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ چەۋەندازلىق بازىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر لى ۋېنۋۇ خەۋەر قىلىدۇ): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى «تۇلپار» ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىغا تايىنىپ، ئاتچىلىق كەسپىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «ئاتچىلىق كەسپى يادروسى»نى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ چەۋەندازلىق مەشىق بازىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقاردى. بۇنى مۇخبىر 10-ئاينىڭ 8-كۈنى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىن ئىگىلىگەن.

  ئىلى ئېتى ماركىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئىلى ئېتىنى تىزىملاش چارىسىنى تۈزۈپ چىقتى ھەم مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ ئات تىزىملاش سۇپىسىنى تەتقىق قىلىپ، ئات نەسلىنى تىزىملاش، ئات فېرمىسىنى باشقۇرۇش ۋە ئات بەيگىسى سۇپىسىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ تەربىيەلەشنى تاماملىدى. بازارنى يېتەكچى قىلىپ، ئېھتىياجغا قاراپ كۆندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زاكازلىق ئاتچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە تۇنجى يېپىق ھالەتتىكى ئىقتىدار سىناش مۇسابىقە يولىنى قۇرۇپ، دېھقان-چارۋىچىلارنى ئۆز ئالدىغا كۆندۈرۈش، مۇسابىقە ئىشلىرى بويىچە كەسپىي كۆندۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، ئىلى ئېتىنى كۆندۈرۈش كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ياخشى كەسپىي ماھارەت ئات بەيگىسى بىلەن تەمىنلەش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يىل ئىچىدە 1300دىن ئارتۇق ئاتنى كۆندۈرۈشنى تاماملاپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئات كۆندۈرۈش بازىسى بەرپا قىلىش مۆلچەرلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى