تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

[شىنجاڭ ياخشى جاي] بۇرچىن ناھىيەسى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش «ئىسىم كارتىسى» نى بەرپا قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ياۋ گاڭ): 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىشچىلار لاگېردىكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزىنى بېزىدى، لاگېردىكى 137 چېدىر مېھمانساراي كۆچۈپ كىرىش شارائىتىنى ھازىرلىدى. بۇ يىل قىشتا، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر بۇرچىن ناھىيەسىدە يەنە يېڭى تاللاشقا ئېرىشىدۇ.

بۇرچىن ناھىيەسى 2019-يىلى 7 مىليون 794 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچىلەر %60نى ئىگىلىدى. بۇرچىن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋۇ لېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇرچىن ناھىيەسى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش بازىرىنى پائال بەرپا قىلىپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش كەسپىنى ساياھەتچىلىكنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ باشلىنىش ئېغىزى قىلدى. 2019-يىلىدىن باشلاپ، بۇرچىندىن قاناس مەنزىرە رايونى ساياھەت لىنىيەسىدە ئاق قېيىنزارلىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى + ناھىيەلىك ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى + ئاقىل ساياھەت، شىمالىي شىنجاڭ خەيئەن قاتارلىق سەككىز ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى تۈر قۇرۇلۇشىنى پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈردى.

«لاگېر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، چېدىر دالا مېھمانسارىيى، ئۆزگىچە كاۋاپ، يېمەك-ئىچمەك قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك، سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار ئارقىلىق ساياھەت كەسپىنى بېيىتىدۇ ھەم ئالتاي ساياھىتىنىڭ ئىسىم كارتىسى سۈپىتىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە يۈزلەندۈرۈپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.» قاناس ئاق قېيىنزارلىق ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرىنىڭ مەسئۇلى لۈەن شياۋبو مۇنداق دېدى: لاگېر كۆلىمى تەخمىنەن 86 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزى، 600 ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، 200 كۆچمە لاگېر ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى، 137 چېدىر مېھمانساراي قۇرۇلغان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى قۇملۇقنى ۋاسىتە قىلىپ ئېچىلغان تۇنجى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش لاگېرى، ئىستىراھەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپلەر بىر گەۋدىلەشكەن بولۇپ، يەككە مۇلازىمەت ئىقتىدارىدىن ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىگە يۈزلەنگەن.

9-ئاينىڭ 15-كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسى 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان كۈز، قىش پەسىللىك «ئون چوڭ ساياھەت سەرخىل لىنىيەسى»نى ئېلان قىلدى، لىنىيە ئاساسلىقى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىشنى ئاساس قىلىپ، شىمالىي شىنجاڭ خەيئەن مەنزىرە رايونى، بەيشاشەن قۇملۇق ئۈستىدە دولقۇن تېيىلىش بازىسى، چوڭقۇر ئورمان دەريا جىلغىسى، ئوتلاق تاش ئادىمى قازاق مىللىي مەدەنىيەت باغچىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تۇتاشتۇردى.

«ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لاگېرى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ كۈتۈۋېلىش بېسىمىنى يېنىكلەتتى، شۇنداقلا رايون ساياھەت داڭلىق ماركا ئوبرازىنى يارىتىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئەنئەنىۋى ساياھەتتىن ئىستىراھەت دەم ئېلىش، كۈتۈنۈش تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇرچىن پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى»دېدى ۋۇ لېي.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى