10-ئاينىڭ 13-كۈنى، نەنچاڭ شەھىرىنىڭ شىنجيەن رايونى شياڭشەن بازىرىدىكى خېلىن كەنتىدە، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئەسلىھەلىك پارنىكتا لازا ئۈزمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەنچاڭ شەھىرىنىڭ شىنجيەن رايونى شياڭشەن بازىرىدىكى خېلىن كەنتى يەرنى ئوبوروت قىلىش، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، «شىركەت + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسى بىلەن، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، لازا، ئوسۇڭ، خۇاسەينى ئاساسلىق تېرىقچىلىق تۈرى قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كەسىپ يولىنى كېڭەيتىپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پېڭ جاۋجى فوتوسى
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، نەنچاڭ شەھىرى شىنجيەن رايونى شياڭشەن بازىرىنىڭ خېلىن كەنتىدە، شۇ جايدىكى دېھقانلار ئۈزگەن لازىلارنى ساندۇققا قاچىلاپ سىرتقا توشۇماقتا.