تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسىنى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېڭى دەۋردىكى مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: مائارىپنى باھالاش مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىگە مۇناسىۋەتلىك، باھالاش دىرىژورلۇق تايىقى قانداق بولسا، شۇنداق مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشى بولىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەملىكەتلىك مائارىپ يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي بولمىغان مائارىپ باھالاش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ، نومۇر ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، ئۆرلەپ ئوقۇش ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، دىپلوم ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، ئىلمىي ماقالە ھەممىنى بەلگىلەيدىغان، قالپاق ھەممىنى بەلگىلەيدىغان جاھىل كېسەللەرنى قەتئىي تۈگىتىپ، مائارىپ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مائارىپنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن بۇ لايىھە تۈزۈپ چىقىلدى.

«لايىھە»نىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشقۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، مائارىپنى باھالاش ئىسلاھاتىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، ساپا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئىلمىي مائارىپ تەرەققىيات قارىشى، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قارىشى، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىشىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش.

«لايىھە»نىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەش، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مائارىپنى باھالاش دىرىژورلۇق تايىقى رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي ئادەم تەربىيەلەش نىشانى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، مائارىپنىڭ توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەردىن باشلاپ قول سېلىپ تۇتۇپ، قالدۇرۇش بىلەن تۇرغۇزۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، مائارىپنى باھالاشنىڭ ئاچقۇچلۇق ساھەلىرىدىكى ئىسلاھاتتا ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش. ئىلمىي، ئۈنۈملۈك بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، نەتىجىنى باھالاشنى ياخشىلاپ، جەرياننى باھالاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوشۇلما قىممەتنى باھالاش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۇنىۋېرسال باھالاشنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مائارىپنى باھالاشنىڭ ئىلمىيلىكى، كەسپىيلىكى، ئوبيېكتىپلىقىنى ئۆستۈرۈش. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان سۇبيېكت ۋە ئوخشاش بولمىغان ئوقۇش باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى مائارىپ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، تۈرگە ئايرىپ لايىھەلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىش. جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگودا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ ئالاقىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، مەۋقەنى دەۋرگە قويۇپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مائارىپ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش.

«لايىھە»دە بېكىتىلگەن ئىسلاھات نىشانى: بەش يىلدىن ئون يىلغىچە تىرىشىش ئارقىلىق، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى ئىلمىي ئادا قىلىش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەر ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلارنى قېتىرقىنىپ ئادەم تەربىيەلەشكە يېتەكلەشتىن ئىبارەت باھالاش تۈزۈمىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك باھالاش چارىسىنى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش، جەمئىيەت ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش شەكلىنى تېخىمۇ ئىلمىي قىلىش. 2035 - يىلىغا بارغاندا، دەۋر ئالاھىدىلىكى مول، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك نامايان قىلىنغان، دۇنياۋى سەۋىيە گەۋدىلەندۈرۈلگەن مائارىپ باھالاش سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈش.

«لايىھە»دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر: پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ خىزمىتىنى باھالىشىنى ئىسلاھ قىلىپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەتنى ئىلمىي ئادا قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ مەكتەپلەرنى باھالاشنى ئىسلاھ قىلىپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشنى ئىسلاھ قىلىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش بۇرچىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئالغا سىلجىتىش؛ ئوقۇغۇچىلارنى باھالاشنى ئىسلاھ قىلىپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئادەم ئىشلىتىشنى باھالاشنى ئىسلاھ قىلىپ، مائارىپ تەرەققىياتىنىڭ ياخشى مۇھىتىنى ئورتاق يارىتىش.

«لايىھە»نى تەشكىللەپ يولغا قويۇشتا بىرىنچى، ئىسلاھات مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ئىككىنچى، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك، ئۈچىنچى، ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.