تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

مەركەز 6- كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى كۆزىتىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۈي خەۋەر قىلىدۇ: مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېقىندا مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى كۆزىتىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندىن ئىلگىرى، مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ رۇڭجۈن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئالاقىدار خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى. يىغىندا، ۋاڭ رۇڭجۈن سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

مەركەز 6 - كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقلىرى ھەم ئالاقىدار يولداشلار، مەركەز كۆزىتىش ئىشخانىسى، 5 - كۆزىتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش - ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش پارتىيە گۇرۇپپىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، باشقا مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى كۆزىتىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋە ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى، ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ھەرقايسى ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك پارتىيە كومىتېتى، خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش بەنزىسى ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى، ھەرقايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەردە شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

ۋاڭ رۇڭجۈن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلىدىغان ۋە «13 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە قارىتا كۆزىتىشنى قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى جايلارنىڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، ئۇ، فۇنكسىيەسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «قاتتىق» بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلاپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيەنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككى ئومۇمىي ۋەزىيەت» يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، نازارەتنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىنى پائال قوللاپ، ماسلىشىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تاپشۇرغان كۆزىتىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ياخشى ئورۇندىشى كېرەك.

ۋاڭ رۇڭجۈن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۆزىتىش پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مۇھىم ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك فۇنكسىيەسى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا بولغان سىياسىي نازارەتچىلىك. مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ فۇنكسىيەسى، مەسئۇلىيىتىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى باسقۇچلۇق ئاساسلىق زىددىيەتنى چىڭ كۆزلەپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلارنى چىڭ كۆزلەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە، لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەمدە تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئېغىر، زور خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تۈگىتىش ئەھۋالىنى چوڭقۇر ئىگىلەيدۇ؛ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، سىياسىي ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئۇللۇق، دائىملىق خىزمەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھوقۇق يۈرگۈزۈش ۋە نازارەت قىلىش، چەكلەش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ؛ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى تۇتۇش ۋە كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش ئەھۋالىغا بولغان نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىدۇ؛ مەركەزنىڭ كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق نازارەت قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەر ۋە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى بويىچە تەكشۈرۈلگەن - كۆزىتىلگەن مەسىلىلەرنى تۈزەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.

چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۆزىتىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، كۆزىتىشكە قەتئىي ماسلىشىپ، كۆزىتىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، مەسىلىلەرنى تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، كەسكىن تۈردە نازارەت قىلىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ، جاۋابكارلىققا تارتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆزىتىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىجىل ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىككى يېرىم ئاي ئەتراپىدا خىزمەت قىلىدۇ. كۆزىتىش مەزگىلىدە مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى: 2502759 − 0991؛ مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۈرۈمچى شەھىرى A092 نومۇرلۇق خەت ساندۇقى تەسىس قىلدى. كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ھەر كۈنى تېلېفون قوبۇل قىلىش ۋاقتى: سائەت 10:00دىن 20:00گىچە بولىدۇ. كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2020 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنىگىچە بولىدۇ. كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى ئاپتونوم رايوننىڭ ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە مۇھىم ئىش ئورنىدىكى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان خەت، تېلېفون، ئەرزلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى پاش قىلىش ۋە ئىنكاسلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىدۇ. كۆزىتىشنىڭ قوبۇل قىلىش دائىرىسىگە تەۋە بولمىغان باشقا ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى بەلگىلىمە بويىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە ئالاقىدار تارماقلار ئەستايىدىل بىر تەرەپ قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.