تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 99 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاپتونوم رايونلۇق 13 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 99 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالغا دائىر نىزام، سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىشنى تېزلىتىش، خاس يېزا ئىگىلىكىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، ئادىل رىقابەتلىشىش بويىچە تەكشۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، ئاممىۋى سەھىيە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق خىزمەتلەر تەتقىق قىلىندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پاختا نىشانلىق باھا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پاختا ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاشنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. پاختا نىشانلىق باھا سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاختىكارلارنىڭ ئاساسىي پايدىسىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بازار باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەلا سۈپەتلىك پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بەرپا قىلىپ، شىنجاڭ پاختىسىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پاختا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالنى يولغا قويۇش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمالغا ئالاقىدار نىزام، ئۆلچەم ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە تاكامۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، رىغبەتلەندۈرۈش، چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنبەدىن مىقدارنى ئازايتىش، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش، بايلىقنى دەۋرىيلەشتۈرۈش، ئاخىرقى ئۇچنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل مەھسۇلات ئىستېمالىنى كېڭەيتىپ، يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستېمال شەكلىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خاس يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەزنى ئەلالاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، خاس كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باشلامچى كارخانىلارنى كۈچەيتىپ، توپلاشتۇرۇپ، سۈپەتلىك ماركا يارىتىپ، خاس يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەنئەنىۋى، يىرىك، تۆۋەن ئۈنۈملۈك بولۇشتىن زامانىۋى، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشقا قاراپ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رايون خاراكتېرلىك تۈۋرۈك كەسىپلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئادىل رىقابەتلىشىش بويىچە تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىسى، ئادىل رىقابەتلىشىش بويىچە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا ئادىل رىقابەتلىشىش بويىچە تەكشۈرۈش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قائىدىسى مۇكەممەل، ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت ئايدىڭ، مېخانىزمى مۇكەممەل، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نازارەتچىلىكى كۈچلۈك بولغان ئادىل رىقابەتلىشىش بويىچە تەكشۈرۈش تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈم - ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، بىرتۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان زامانىۋى بازار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشىنى تېخىمۇ كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دىققەتنى ئاممىۋى سەھىيە، بولۇپمۇ ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئىقتىدارىدىكى كەمتۈكلۈكلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)، يېزا - بازار (كوچا)، كەنت (مەھەللە)تىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئادەتتىكى مەزگىل بىلەن جەڭ مەزگىلى بىرلەشتۈرۈلگەن، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىستېمىسى تاكامۇللاشقان، ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ تاسادىپىي ئېغىر، زور ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى