تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مۇناقى ئۈزۈم پىشتى، ئاتۇش ئۈزۈم سىركىسىنىڭ خۇش ھىدى تارالدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر چىن جىنلى، ئىختىيارىي مۇخبىرلار شيې جى، ياڭ جيې فوتوسى، خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئازاق يېزىسى ئوڭئېرىق كەنتىدە، ھاۋانى بىر ئالغان قويۇق ئاچچىق-چۈچۈك پۇراق دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى. مۇناقى ئۈزۈمنى يىغىۋېلىش پەسلى يېتىپ كېلىپ، كەنت ئاھالىسى تۇرغۇن توختى ئۆزىنىڭ مېۋە سىركىسى ھۈنەرخانىسىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «بۈگۈن بىرنەچچە كونا خېرىدارنىڭ مېۋە سىركىسىنى ياسايمىز!» دېدى ئۇ.

سىركە ياسايدىغان مۇناقى ئۈزۈم.

  ئۇ ئۈزۈمنى سۈزۈك سۇدا پاكىز يۇيۇپ ھويلىدىكى جازىغا ئېسىپ ئاپتاپقا سالدى، ئاندىن ئاپتاپقا سېلىپ بولغان ئۈزۈمنى ئېلىۋېتىپ، ئېزىپ قىيام قىلغاندىن كېيىن ئىدىشقا سېلىپ ئېچىتتى، «كېلەر يىلى 3-ئايدا، ئۇلار تەملىك مېۋە سىركىسىگە ئايلىنىدۇ!» دېدى تۇرغۇن.

  تۇرغۇن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۈزۈم قىيامىنى ئېچىتىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، مېۋە سىركىسىنىڭ پۇرىقى شۇنچە قويۇق، رەڭگى تېخىمۇ سۈزۈك بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆيىدە ھازىرغىچە بىر كومزەك ئالتە يىللىق ئۈزۈم سىركىسى ساقلانغان بولۇپ، رەڭگى توق قىزىل، سۈزۈك، خۇددى كەھرىۋاغا ئوخشايدۇ، پۇرىقى كۈچلۈك، چۈچۈمەل ۋە تاتلىقلىقى ئىنتايىن مۇۋاپىق. ئادەتتە ئۆيگە پەقەت ئەزىز مېھمانلار كەلگەندە ياكى مۇھىم بايراملاردا ئازراق ئېلىپ قورۇما قورىغاندا ئىشلىتىدۇ. تۇرغۇن بۇ بىر كۈپ سىركىنى دادىسى بىلەن بىللە قىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنى ئىنتايىن قەدىرلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۇرغۇننىڭ ئۆيىدىكى ئېچىتىلىۋاتقان ئۈزۈم سىركىسى.

  خېرىدارلارنىڭ ئەسلىي تەمدىكى سىركىنى تېتىيالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۇرغۇن خېرىدارلاردىن ئالدىنقى يىلى ئۈزۈم ئۈزۈش پەسلىدە ئالدىن زاكاز قىلىپ، ئىككىنچى يىلى ئەتىيازدا ئېلىۋېلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۈزۈم سىركىسى ياساش ھۈنىرىنىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ئۆمۈر بويى ئۈزۈم سىركىسى ئېچىتقان دادىسى توختى مامۇتتىن ھۈنەر ئۆگەندى ھەم ھۈنەرگە ۋارىسلىق قىلدى. «دادام ‹مېۋە سىركىسى ياساش ئادەم بولۇشقا ئوخشايدۇ، ھەممە ئىشنى ئەڭ ياخشى دەرىجىدە قىلىش كېرەك. مەسىلەن، ئۈزۈمنى قايسى ۋاقىتتا ئۈزۈش، قانچە قېتىم يۇيۇش، قانچىلىك دەرىجىدە قۇرۇتۇش، قانچىلىك ۋاقىت ئېزىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ياخشى سىركە ئېچىتىپ چىققىلى بولىدۇ› دەيتتى» دېدى تۇرغۇن.

ئۈزۈمنى ئېزىپ قىيامغا ئايلاندۇرغاندىن كېيىن، كۈپكە سېلىپ ئېچىتىدۇ.

  كەنتتىكى 700دىن ئارتۇق ئائىلىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئۈزۈم سىركىسى ياساشنى بىلىدۇ. «ئېسىمنى بىلگەندىن باشلاپلا، يۇرتداشلار ئۆزلىرى ئېچىتقان ئۈزۈم سىركىسىنى ئىشلىتەتتى، سەي قورۇغاندا، سوغۇق سەي قىلغاندا، خۇرۇچلارنى تەييارلىغاندا ئەگەر ئازراق قوشۇۋەتمىسە تەم كىرمىگەندەك ھېس قىلاتتى».

  ئائىلە ھۈنەرخانىسىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، ئۈزۈم سىركىسىنىڭ گۈزەل نامى پەقەت ئوڭئېرىق كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىگىلا تونۇشلۇق ئىدى. 2013-يىلى، تۇرغۇن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسى قىلىپ بېكىتىلدى، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە ئۈزۈم سىركىسىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ بار ئامالنى ئىشلىتىپ ئۈزۈم سىركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى كېڭەيتتى.

ئۈزۈم سىركىسى ياساش ھۈنىرىنىڭ تۆتىنچى ئەۋلاد ۋارىسى تۇرغۇن توختى ھۈنەرخانىسىدا ئۈزۈم سىركىسى ياسىماقتا.

  تۇرغۇننىڭ كۆلەمنى كېڭەيتىپ، ئۈزۈم سىركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، 2019-يىلى 7-ئايدا، ئاتۇش شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى 100 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، تۇرغۇننىڭ ھۈنەرخانىسىدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى ھەم ئۈزۈم سىركىسىنىڭ تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇردى. دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن ئۈسكۈنىلەردە ئۈزۈم سىركىسى تېخىمۇ ياخشى ئېچىتىلىپ، مەھسۇلات مىقدارى ئىككى، ئۈچ توننىغا يەتتى. ئۇنىڭ خېرىدارلىرىمۇ نامىنى ئېغىزدىن ئېغىزغا ئاڭلاپ ئىزدەپ كەلگەن بۇرۇنقى يەرلىك كىشىلەردىن، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىغىچە كېڭەيدى.

مۇناقى ئۈزۈمى بولسا ئوڭئېرىق كەنتىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۈزۈم سىركىسى ياساشتىكى خام ماتېرىيالى.

  ئۈزۈم سىركىسى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشى خام ئەشيانىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ، ئۆزىنىڭ 10 مو يەردىكى ئۈزۈمىدىن باشقا، تۇرغۇن يەنە يۇرتداشلارنىڭ ئۈزۈمىنى سېتىۋالدى. «مەن كەسىپنى بارغانسېرى ياخشى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇرتداشلارنى مەن بىلەن بىللە بېيىشقا يېتەكلەشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى تۇرغۇن.

  تۇرغۇن يەنە كەنتتىكى نامرات ئاھالىلەرنى ئۈزۈم ئۈزۈشكە ئىشلىتىپ، ئۇلارغا ئۈزۈم سىركىسى ياساش ھۈنىرىنى ئۆگەتتى. ئەنۋەر توختى ھازىر تۇرغۇننىڭ مېۋە سىركىسى ياساش ھۈنەرخانىسىدا ئىشلەپ، بىر ئايدا 3000 يۈەن تاپالايدىغان بولدى. «ھازىر مەنمۇ مېۋە سىركىسى ياسىيالايدىغان بولدۇم، كەلگۈسىدە ئۆزۈم ئىگىلىك تىكلىيەلەيمەن» دېدى ئۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى