تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شايار ناھىيەسىدە سۇلۇق يەر باغچىسى ئېچىلىپ، مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشقا باشلىدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر پەن تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر چېڭ لېي): 10-ئاينىڭ 7–كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايىتى شايار ناھىيەسى سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلۇشى تۈرى رەسمىي پۈتتى ھەمدە ھەقسىز ئېچىۋېتىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، شايار سۇلۇق يەر باغچىسى شايار ناھىيەسىنىڭ شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جايىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ناھىيەنىڭ ئېكولوگىيە كارىدورى ۋە ئېكولوگىيە يېشىل مەركىزىنىڭ كېسىشىش نۇقتىسى ئىكەن. ئەسلىدىكى جاي ئىلگىرى تاشلىۋېتىلگەن بېلىق كۆلچىكى، سېسىق سۇ ئازگىلى قاتارلىقلار بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، پاسكىنا سۇلارنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولاتتى، مەينەت، قالايمىقان، ناچار بولۇش مەسىلىسى گەۋدىلىك ئىدى. 2019-يىلى، شايار ناھىيەسى سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 1621 مودىن، سۇ سىستېمىسى كۆلىمى تەخمىنەن 400 مودىن ئاشىدىغان، كۆكەرتىلىش كۆلىمى تەخمىنەن 800 مو بولغان، ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش مەركىزى، ئۆلچەملىك يېنىك ئاتلېتىكا مەيدانى، پۇتبول مەيدانى، ۋاسكېتبول مەيدانى، ۋالىبول مەيدانى، تېننىس توپ مەيدانى، قار تېيىلىش مەيدانى، سۇ ئۈستى شادلىق باغچىسى، ئاممىۋى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرى بار، ئىقتىدارى كۆپ خىل، ئالاھىدىلىكى روشەن بولغان ئاممىۋى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى بەرپا قىلغان ھەمدە ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋەتكەن. بۇ تۈرنىڭ قۇرۇلۇشى شايار ناھىيەسىنىڭ شەھەر ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاپ، شەھەر سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن، كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىنى ئىستىراھەت تەنھەرىكىتى، مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى بىلەن تەمىنلەپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرغان.

  سۇلۇق يەر باغچىسىنى باشقۇرغۇچى ئورۇن بولغان شىنجاڭ شايەنجوۋ مەدەنىيەت-ساياھەت مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى چىن شىنۋېي مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز مەنزىرە بەلبېغىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھازىرقى ساياھەت بايلىقى ئاساسىدا، باغچىنىڭ ئەتراپىدىكى سۇ رايونى ۋە مۇھىتنى تۈزەش، ئېچىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاھالىلەرنى يازدا سالقىندايدىغان، قىشتا ئىستىراھەت قىلىدىغان ياخشى جاي بىلەن تەمىنلەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى