تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

ئۈرۈمچى دۇشەنزى كەنتىدە گۈزەل كۈز ۋە قىش مەنزىرىسى «بىر رامكا»دا نامايان بولدى

يېقىندا، شىنجاڭ تىيانشان تاغ تىزمىسى بوغدا چوققىسى ئېتىكىدىكى ئۈرۈمچى شەھىرى مىدوڭ رايونى بەيياڭخې قازاق مىللىي يېزىسى دۇشەنزى كەنتىدىكى جىلغىدا كۈز بىلەن قىش مەنزىرىسى «بىر رامكا»دا نامايان بولدى.

 جىلغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى تاغلار ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان بولۇپ، جىلغىدىكى قەدىمىي قارىياغاچ دەرىخى، ئارچا دەرىخى ۋە ياۋا دولانا چاتقاللىقى گاھ يېشىل، گاھ سېرىق، گاھ قىزىل كۆرۈندى، رەڭگارەڭ كۈز كۈنلىرىدىكى دەريا جىلغىسى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان تاغلار بىلەن بىر رامكا بولۇپ، ھەر خىل گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.

                               «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى