شىنخۇا تورى خەۋىرى: ئاممىنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى بوجوۋ رايونى 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، شەھەر مەركىزىدىكى نەنبەي باغچىسىدا بوجوۋ رايونلۇق يېڭى كۇتۇپخانىنى قۇردى. يېڭى كۇتۇپخانا 2016-يىلى 10-ئايدا ئېچىلغان بولۇپ، كۇتۇپخانىدا قەرەللىك ژۇرنال ئوقۇش ئۆيى، كۆرۈش قۇۋۋىتى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئوقۇرمەنلەر كىتاب ئوقۇش ئۆيى، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇش ئۆيى، يەرلىك ھۆججەت-ۋەسىقىلەر ئۆيى قاتارلىق مۇلازىمەت كۆزنەكلىرى ۋە ھېس قىلىپ بېقىش رايونلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، كۆپ خىل ئەقلىيلەشكەن باشقۇرۇش ئەسلىھەلىرى قوللىنىلغان. ھازىرغىچە، بۇ كۇتۇپخانا كۈتۈۋالغان ئوقۇرمەن 640 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان.(ياڭ يىڭ فوتوسى)
گۇيجوۋ بوجوۋ: كۇتۇپخانىنىڭ سۈپىتى ئاشۇرۇلۇپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلدى
مۇھەررىر :
توخنىياز ئىسمائىل
|
مەنبە:
تىيانشان تورى
2020/10/15 18:34
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىر ئوقۇرمەن گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى بوجوۋ رايونلۇق كۇتۇپخانىدا كىتاب كۆرمەكتە.
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىر ئوقۇرمەن گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى بوجوۋ رايونلۇق كۇتۇپخانا ئىچىدىكى قاپارتما نەقىشلىق تامنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەكتە.
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئوقۇرمەنلەر گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى بوجوۋ رايونلۇق كۇتۇپخانىدا كىتاب تاللىماقتا.
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، شەھەر ئاھالىلىرى گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۇنيى شەھىرى بوجوۋ رايونلۇق كۇتۇپخانىدا «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
ئەسكەرتىش:
تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.