تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چۆچەك شەھىرىنىڭ ئېتىزلىرىدىكى «سائەتلىك ئىشچى»لار قارشى ئېلىشقا ئېرىشتى

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر دوۋ ۋەنچۇن خەۋىرى): ھازىر كۈزلۈك يىغىم مەزگىلى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھىرىدىكى نۇرغۇن دېھقان كۈزلۈك يىغىمدا «سائەتلىك ئىشچى» بولۇپ، ھەم تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ھەم پۇل تېپىپ ئائىلىسىنى بېقىشتىن ئىبارەت ئىككىگە دەخلى قىلمىدى.

ئىككى كۈندىن بۇيان، چىپارجىدېي يېڭى رايونى خۇاڭگۇڭ مەھەللىسىدىكى تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخارگۈلى تېرىغۇچى گاۋلىڭنىڭ 1000 مو ئېتىزىدا، 30 نەچچە دېھقان ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىنكى تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخارگۈلىنىڭ يوپۇرماقلىرىنى ئالدى. ئاھالە سۇڭ جۈنخۇڭ مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان دېھقان، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى كۆڭۈلدىكىدەك قىلىدۇ، سۈرئىتى تېز، قىلغان ئىشىنىڭ سۈپىتى ياخشى بولۇپ، بىر ھەپتە ئىشلەپ، 2000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلدى. سۇڭ جۈنخۇڭ مۇنداق دېدى:«بۇ يەردە ئىشلىسەم، بىر كۈندە 200 يۈەن كىرىم قىلالايمەن، ناھايىتى ياخشى.»

گاۋلىڭنىڭ خۇاڭگۇڭ مەھەللىسىدە تاتلىق يوپۇرماقلىق جۈخارگۈلى تېرىغىنىغا ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، ھەر يىلى تېرىشتىن تارتىپ يىغىۋېلىشقىچە نۇرغۇن ئىشلەمچىلەرگە ئېھتىياجلىق ئىدى، ئىشلەمچىلەرگە ھەر يىلى بېرىدىغان ئىش ھەققى بىر مىليون يۈەندىن ئاشاتتى.

ھەر يىلى دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە، چۆچەك شەھىرىدىكى دېھقانلار سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىپ دېھقانچىلىق ئىشى قىلىپ «سائەتلىك ئىشچى» بولدى، نۇرغۇن تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرى «سائەتلىك ئىشچى»نى يەر تېرىش، ئۇرۇق سېلىشتىن تارتىپ ئۈزۈش، ئورۇشقىچە بولغان ئىشلارنى قىلىشقا ياردەملىشىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ «سائەتلىك ئىشچى»لار چاقىرغان ھامان يېتىپ كېلىدىغان، جانلىق، ھەرىكەتچان بولۇپ، ئەمگەك مىقدارىغا ئاساسەن ھەق ئېلىپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدىكى «ئىشچى ئىشلىتىش قەھەتچىلىكى»نى ئۈنۈملۈك تۈگىتىپلا قالماي، يەنە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى