تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

ساغلام كۈتۈنۈشتە ياغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك

   ھازىر، نۇرغۇن كىشىلەر ئورۇقلاشنى گۈزەللىك دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئورۇقلاش كېلىشكەن يىگىتلىرىمىز ۋە گۈزەل قىزلىرىمىزنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى بولۇپ قالدى. «ياغ» ئۈستىدە گەپ بولۇنغاندا ئۇلارنىڭ چىرايى دەرھال ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، چۈنكى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن قورقىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ياغ ئۇنچىلىك قورقۇنچلۇق نەرسىمۇ ئەمەس، بەزى ياغلار تېخى سالامەتلىككە پايدىلىق. ياغنىڭ بەدەندە زاپاس ساقلىنىش ۋە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش رولى بولۇپلا قالماستىن، يەنە توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلەرنى تەشكىل قىلىدىغان مۇھىم ماددا. ئۇ قېلىن يوتقانغا ئوخشاش، بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى ساقلاپ، ئەزالارنى قوغدايدۇ، ئۇ يەنە ياغدا ئېرىيدىغان ۋىتامىنلارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى تېزلىتىدۇ. ياغ بەدەنگە زۆرۈر ئوزۇقلۇق ماددا بولۇپ، بەدەنگە مۇۋاپىق قوبۇل قىلىنىشنىڭ پايدىسى كۆپ. ياغقا نىسبەتەن، مۇھىمى ئاز يېيىش ئەمەس، بەلكى ياغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق قانداق تاللاپ يېيىشتە.

  ياغ ___ ياغ كىسلاتاسى بىلەن گلىتسېرىندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ياغ كىسلاتاسىنىڭ تۈرى ئىنتايىن كۆپ، بىزنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىمىز كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى، چۈنكى كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ بىر قىسمىنى ئادەم بەدىنى ھاسىل قىلالماي، چوقۇم يېمەكلىكتىن قوبۇل قىلىدۇ. شۇڭا بىز ياغ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قوبۇل قىلغاندا، كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتا تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك تاللىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئىچىدە، ئۆسۈملۈك يېغى ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئەڭ ياخشى كېلىش مەنبەسى، بولۇپمۇ، دادۇر يېغى، كۆممىقوناق يېغى، كۈنجۈت يېغى، زەيتۇن يېغى قاتارلىقلار. قورۇما قورۇش جەريانىدا، بۇ ياغلارنى تەڭشەپ ئىشلىتىپ، ئادەم بەدىنى ئېھتىياجىلىق بولغان ياغ كىسلاتاسىنى قوبۇل قىلىشنى كۆپەيتىش كېرەك. قاتتىق پوستىلىق مېۋىدىكى كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە لىنون كىسلاتاسى، بېلىق تۈرىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدە α-لېنولىن كىسلاتاسى بولىدۇ، ھايۋانات يېمەكلىكى (مەسىلەن، سېمىز گۆش) تەركىبىدە كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بىر قەدەر ئاز بولىدۇ، شۇڭا بۇ خىلدىكى يېمەكلىكنى تاللاشتا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. فوسفاتىد دېگىنىمىز بىر خىل مۇھىم ياغ تۈرى بولۇپ، ئۇ ھۈجەيرە پەردىسى، مېڭە توقۇلمىسى، نېرۋا توقۇلمىسىنى ھاسىل قىلىشقا قاتنىشىدۇ، تەركىبىدە فوسفاتىد مول بولغان يېمەكلىكلەر تۇخۇم سېرىقى، قارا گۆش، جىگەر، دادۇر قاتارلىقلار. تەركىبىدە كۆپ تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى ۋە فوسفاتىد مول بولغان يېمەكلىكلەرنىڭ مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش ئىقتىدارى بولۇپ، بۇ يېمەكلىكلەرنى تاللاش ئارقىلىق مېڭىنى قۇۋۋەتلىگىلى بولىدۇ.

خەلق تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى