تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

كۈزنىڭ ئاخىرقى پەيتىدە، شىنجاڭنىڭ رومانتىك كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇر ئالايلى

ئالتۇن كۈز

شىنجاڭنى ساياھەت قىلىدىغان ئەڭ گۈزەل پەسىلنىڭ بىرى

ھەيۋەتلىك توغراق، گۈزەل ئوتلاق، چۆل-باياۋان

رەڭدارلىققا تولغان قاتمۇقات ئورمان، خۇش پۇراق چاچقان مېۋە

ھەممىمىز بىرلىكتە كۈزنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە

شىنجاڭنىڭ رومانتىك كۈز مەنزىرىسىدىن ھۇزۇر ئالايلى!

1

كۈز ئايلىرىدىكى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل،

رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگەن بولۇپ

بىپايان، جىمجىت ھالدا جىلۋە قىلىپ تۇراتتى.

ئىلى يول ياقىسى مەنزىرىسى(شىنخۇا ئاگېنتلىقى ما شۇەن فوتوسى)

تېكەس ناھىيەسى چوڭقۇشتاينىڭ كۈز مەنزىرىسى(شىنخۇا ئاگېنتلىقى ما شۇەن فوتوسى)

دەرەخ يوپۇرمىقى، ئوتلاق تەدرىجىي ھالدا ئالتۇن رەڭگە ئۆزگىرىپ

بىر-بىرىگە تۇتاشقان ئەڭ گۈزەل داستانغا ئايلاندى

جەزبىدار، جانلىق ھەم گۈزەل...

تېكەس ناھىيەسى چوڭقۇشتاينىڭ كۈز مەنزىرىسى(شىنخۇا ئاگېنتلىقى ما شۇەن فوتوسى)

ناراتنىڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى(شىنخۇا ئاگېنتلىقى ما شۇەن فوتوسى)

ئورمانلىقتىكى چىغىر يولدا ماڭسىڭىز، خىلمۇخىل گۈزەل مەنزىرىلەر سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ

ئىلى يول ياقىسى مەنزىسى(شىنخۇا ئاگېنتلىقى ما شۇەن فوتوسى)

كۈز پەسلىدىكى مايتاغ-كۇچا تاشيولى(شىنخۇا ئاگېنتلىقى ما شۇەن فوتوسى)

نىلقا ناھىيەسى تەۋەسىدىكى

تاڭبۇلا ئوتلىقىنىڭ قويۇق كۈز مەنزىرىسى

تاڭبۇلا ئوتلىقىنىڭ مەنزىرىسى(چېن خۇالىن فوتوسى)

يېشىل قارىغاي ئارچا، ئالتۇن رەڭ توغراق

كۆك ئاسمان، زۇمرەتتەك سۈزۈك سۇ بىلەن گىرەلىشىپ پارلايدۇ

بۇ يەرنى سەيلە قىلغاندا خۇددى تەبىئىي رەسىم كارىدورىغا كىرىپ قالغاندەك، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ۋە مەپتۇن قىلىدۇ

تاڭبۇلا ئوتلىقىنىڭ مەنزىرىسى(چېن خۇالىن فوتوسى)

كۈز پەسلىدىكى شەھەرمۇ ئوخشاشلا كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ

10-ئايدىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ

گۈزەل كۈز مەنزىرىسى، كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدىكى كىچىك شەھەرنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى يېقىشلىق ئىدى

غۇلجا شەھىرىنىڭ يېقىشلىق مەنزىرىسى               «学习强国» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىندى

2

كۈز پەسلىىكى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا

يول بويى گۈزەل مەنزىرىلەر ئۈزۈلمەيدۇ

يېقىشلىق، چىرايلىق ۋە جانلىق بولۇپ

كىشى مېھرىنى ئۈزەلمەيدۇ

2020-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستى بۈگۈر ناھىيەسى تەۋەسىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى مىڭ چاقىرىملىق توغراقلىق ئالتۇن رەڭگە كىرگەن بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل ئىدى. دۇ زۇڭجۈن فوتوسى

10-ئايدىكى ئالتۇن كۈز پەسلىدە

تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى خېجىڭ ناھىيەسى كىرغۇت يېزىسى

ناھايىتى رەڭگارەڭ، گۈزەل ئىدى.

خېجىڭ ناھىيەسى كىرغۇت يېزىسىنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى. ۋاڭ لوبىن، لۇ گاڭ فوتوسى

توغراقلارنىڭ ئالتۇن رەڭ يوپۇرماقلىرى شامالغا ئەگىشىپ يەلپۈنەتتى

قوي، كالا ۋە تۆگىلەر ئورمانلىقتا يايلىشاتتى

سۈزۈك بۇلاق سۈيى چوڭقۇر تاغ جىلغىسىدا ئېقىپ تۇراتتى

بارلىق گۈزەللىكنىڭ ھەممىسى «دەل جايىغا كەلگەندەك» ئىدى

خېجىڭ ناھىيەسى كىرغۇت يېزىسىنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى. ۋاڭ لوبىن، لۇ گاڭ فوتوسى

ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى بايىنبۇلاق سۇلۇق يېرى

ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىللىق، ئەڭ گۈزەل ھالىتىنى كىشىلەر ئالدىدا نامايان قىلماقتا

بايىنبۇلاق سۇلۇق يېرىدە، ساياھەتچى ئاق قۇ بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكتە. ياڭ خوۋۋىي فوتوسى

ئاق بۇلۇت توپ-توپ پاختىغا ئوخشاش

قار بىلەن قاپلانغان تاغ تىزمىلىرىدا لەيلەپ يۈرەتتى

قوي، كالىلار خۇددى ئالتۇن پايانداز كەبى ئوتلاقتا يايلاپ يۈرەتتى

تاغ جىلغىسىدىكى سۈپسۈزۈك، زۇمرەتتەك كۆل سۈيى ئالتۇن رەڭلىك ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەر بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشقانىدى.

بايىنبۇلاق سۇلۇق يېرىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى.  لى خوۋۋېي فوتوسى

كۈز پەسلىدىكى باغراش كۆلى

كۆك ئاسمان ۋە ئاق بۇلۇتنىڭ جىلۋىلەندۈرۈشى بىلەن

مەنزىرە تېخىمۇ كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

باغراش كۆلىنىڭ كۈز مەنزىرىسى. نيەن لېي فوتوسى

باغراش كۆلى بەيلۇجوۋ مەنزىرە رايونىدا

ئاق قۇلار كۆلدە ئەركىن ئۈزۈپ

جىمجىت كۆل يۈزىگە ھۆسن قوشقانىدى

باغراش كۆلى بەيلۇجوۋ مەنزىرە رايونى. نيەن لېي فوتوسى

3

كۈز ئايلىرىدىكى ئالتاي ۋىلايىتىدە

يول بويى گۈزەل مەنزىرىلەرگە قانمايسىز

تەبىئەت دۇنياسىنىڭ نەقەدەر سىرلىقلىقىنى ھېس قىلىسىز

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ساياھەتچىلەر قاناس مەنزىرە رايونى شېنشيەنۋەندە ساياھەت قىلماقتا. شۈ گۇڭجىيەن فوتوسى

كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي مەنزىرە رايونىدا

نۇرغۇن كىشى يىراق جايلاردىن ئېرتىش چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل مەنزىسىنى كۆرگىلى كېلىدۇ

ئېرتىش چوڭ جىلغىسىنىڭ گۈزەل كۈز مەنزىرىسى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى باش نەشىرىياتىدىن چېن گوڭچىڭ فوتوسى

ئالتۇن كۈز 10-ئايدا

جېمىنەي ناھىيەسى توست يېزىسىدىكى قىزىل قېيىنزارلىق

قۇياش نۇرىدا ئوتقاشتەك قىزىل كۆرۈنەتتى

كۈزدىكى قېيىنزارلىق مەنزىرىسى. شيې شىمىن فوتوسى

ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيەسىدە

ئىككى سۈزۈك دەريا بار

ئۇلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا ناھىيە بازىرىنىڭ شەرق، غەرب ئىككى تەرىپىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ

شەھەرنىڭ جەنۇبىدا قوشۇلۇپ چىڭگىل دەرياسىنى ھاسىل قىلىدۇ

مانا بۇ چوڭ چىڭگىل دەرياسى ۋە كىچىك چىڭگىل دەرياسى

چىڭگىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۈز مەنزىرىسى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى باش نەشرىياتىدىن چېن گوڭچىڭ فوتوسى

كەچ كۈز پەسلىدە

ئەگرى-بۈگرى ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىگە ئەگىشىپ

دەل-دەرەخ ۋە چاتقاللار ساپسېرىق رەڭگە كىرىپ

چوڭ چىڭگىل دەرياسىنى ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەنىدى

چىڭگىل دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان كۈز مەنزىرىسى. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى باش نەشرىياتىدىن چېن گوڭچىڭ فوتوسى

شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلى ئاخىرلىشىشقا ئاز قالدى

يەنە نېمىگە قاراپ تۇرىسىز
                                                                                                                                                تىيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى