تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» خەلقئارا نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» خەلقئارا نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى 10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ فۇجوۋ شەھىرىدە ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش كۈنى ۋە خەلقئارا نامراتلىقنى تۈگىتىش كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» خەلقئارا نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن فۇجوۋدا ئېچىلدى، مەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: نامراتلىقنى تۈگىتىش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇھىم بۇرچى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش تەلىپىنى چىقىش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدۇق، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇۋاتقان مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى پات ئارىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىدۇ. بىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»دىكى نامراتلار سانىنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىگە نىسبەتەن، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىگە نىسبەتەن مۇھىم، زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئۇلۇغ ئىشنى تاماملاشقا ئىشەنچىمىز بار، ئىقتىدارىمىز بار.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، يەر شارىۋى نامراتلار سانىنى ئازايتىش ئىشلىرىدا زور ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلار يەنىلا ناھايىتى كەسكىن بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداپ، يەر شارىۋى نامراتلار سانىنى ئازايتىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشكە جىددىي ئېھتىياجلىق. يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنىڭ تەجرىبە ئالماشتۇرۇش، قانۇنىيەتنى يەكۈنلەش ئارقىلىق، يەر شارىۋى نامراتلار سانىنى ئازايتىش ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، نامراتلىق ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى»دىكى نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە سىياسىي پارتىيەنىڭ مەسئۇلىيىتى» خەلقئارا نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى فۇجيەن ئۆلكىلىك كومىتېتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن. لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى بېنياڭ، نامبىيە خەلق تەشكىلاتى پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ گېيىنگوب، زىمبابۋې ئافرىقا مىللىي ئىتتىپاقى - ۋەتەنپەرۋەرلىك سېپىنىڭ رەئىسى قوشۇمچە 1 - شۇجىسى، زۇڭتۇڭ منانگاگۋا، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىش ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، زۇڭتۇڭ توئۇئادېرا، مالاۋى كونگرېسلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ چاكۋېرا، ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرنەندىس، سۇرىنام تەرەققىيات - ئىسلاھات پارتىيەسىنىڭ رەئىسى، زۇڭتۇڭ سانتوكى قاتارلىقلار يازما ياكى سىن شەكلى ئارقىلىق تەبرىكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگونىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، بىردەك: ھەرقايسى دۆلەت سىياسىي پارتىيەلىرى سىياسىي يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقئارا نامراتلار سانىنى ئازايتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك، دەپ قارىدى. 100 نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن تەخمىنەن 400 نەپەر سىياسىي پارتىيە ۋەكىلى ۋە جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلەر، خەلقئارا ئاپپاراتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى، ئاقىللار ئامبىرىدىكى ئالىملار قاتارلىقلار تور ياكى تور سىرتىدا يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.