تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

گۆشسىز تاماق يېگەندىمۇ جىگەرنى ماي قاپلايدۇ

   سىزنىڭچە گۆشسىز تاماق بىلەن كۈتۈنگىلى بولامدۇ؟ قاتتىق پوستلۇق مېۋىنى كۆپرەك يېيىشنىڭ بەدەنگە پايدىسى بارمۇ؟ سىز توغرا دەپ قارىغان كۈتۈنۈش ئۇسۇلى راستىنلا توغرىمىدىمۇ؟ ئۇنداقتا بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى.

  گۆشسىز تاماق يېگەندىمۇ جىگەرنى ماي قاپلايدۇ

  ھازىر، يېمەك-ئىچمەك ئىنتايىن مول، يېيىش جەھەتتە كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى زىيان تارتقۇزۇشنى خالىمايدۇ، ئەمما، سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە، نۇرغۇن كىشىلەردە ترى گىلىتسېرىد يۇقىرى چىقىدۇ؛ يەنە يېمەك-ئىچمەك قۇرۇلمىسىنىڭ نامۇۋاپىق بولغانلىقىدىن، نۇرغۇن ئادەم سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىككە كۆپرەك گىرىپتار بولىدۇ، شۇڭا «يېمەك-ئىچمەكنىڭ مايسىز بولۇشى»، «گۆشسىز بولۇشى» كىشىلەرنىڭ بارلىق كېسەللىكنى ساقايتىدىغان دورىسىغا ئايلىنىپ، خۇددى گۆش يېمىسىلا، ساغلام بولغىلى بولىدىغاندەك ئويلايدۇ. بەزىلەر بىر يىل جاپا تارتىپ گۆشسىز تاماق يەپمۇ، يەنىلا جىگىرىنى ماي قاپلىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئوزۇقشۇناسلارنىڭ كۆپ يىللىق كىلىنىكىلىق ئىستاتىستىكىسىدىن بايقىلىشىچە، ئۇزاق ۋاقىت گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەرنىڭ قاندىكى ياغ تەركىبى يۇقىرى، جىگەرنى ماي قاپلىشى ئادەتتىكىدەك تاماق يېگۈچىلەردىن قېلىشمايدىكەن. سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرسەك، چۈنكى گۆشسىز قورۇما تەمسىز بولىدىكەن، شۇڭا گۆشسىز تاماق يېگۈچىلەر قورۇمىغا ئۆسۈملۈك يېغى ۋە تېتىتقۇلارنى كۆپرەك قوشىدىكەن. ھەقىقىي مايسىز يېمەكلىك دېگىنىمىز يېمەكلىكنىڭ كۆپ خىل بولۇشى ئاساسىدا، مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى ئىمكان بار يېمەكلىكنىڭ ئەسلى تەمىنى ساقلاپ قېلىش بولۇپ، مايسىز، ئوزۇقلۇقى مول، ئاسان ھەزىم بولىدۇ. ئەمەل قىلىدىغان پرىنسىپ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 1. ئۆسۈملۈك يېغىنى ئاز مىقداردا ئىشلىتىش بىلەن بىللە، ياغنىڭ كۆپ خىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش. 2. ئىمكان بار ماي تەركىبى تۆۋەنرەك ئاق گۆش ۋە قارا گۆش يېيىش. 3. تۇزلۇق ۋە ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش. 4. مۇۋاپىق تاماق ئېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يېمەكلىكنىڭ ئەسلى تەمى ۋە ئوزۇقلۇقىنى ئەڭ چوڭ نىسبەتتە ساقلاپ قېلىش. 5. قەنتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى كونترول قىلىپ، ماينىڭ بىرىكىشىنى ئازايتىش. ئۇزاق ۋاقىت گۆشسىز تاماق يېگەندە ئاقسىل يېتەرلىك قوبۇل قىلىنمايدۇ، بۇ چاغدا ئادەم بەدىنى ئەسلىدىكى ماي تەركىبىنى خورىتىپ، جىگەرنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشى ئارقىلىق بەدەننىڭ ئېھتىياجىنى قامدايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ماي جىگەرگە يىغىلىپ قالىدۇ. شۇڭا مايسىز يېمەك-ئىچمەك دېگىنىمىز يېمەك-ئىچمەكنى چەكلەشنى كۆرسەتمەيدۇ، بەلكى ئىمكان بار يېمەكلىكنى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ئاقسىل تەركىبى مول يېمەكلىكلەر. مۇشۇنداق بولغاندا بەدەننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوزۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش بەلغەم پەيدا قىلىدۇ

  قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەردە ئوزۇقلۇق مول بولىدۇ، ھەم چۈرۈك ھەم يېيىشلىك بولغانلىقتىن، كۆپچىلىك دائىم ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك قاتارىدا يەيدۇ. كۈتۈنۈش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى زىيادە يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ بەلغەم پەيدا قىلىدۇ. ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىش، تەمىنى ساقلاش ئۈچۈن، بازاردا قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۇسۇلى قاقلاش، قورۇش، مايدا پىشۇرۇش، ياغ، قەنت، تۇز تەركىبى يۇقىرى بولۇشنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنىڭ ياغ تەركىبى يۇقىرى بولىدۇ، جۇڭيى تېبابىتىدە ياغ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولماي، ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىپ بەلغەم پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدىكى يوشۇرۇن خەۋپنى، نۇرغۇن كىشىلەر قاتتىق پوستىلىق مېۋە يېيىشتىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى، ئۇزاق ۋاقىت يىغىلىپ قالغاندا، بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ، ھۆل بەلغەم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئويلىمايدۇ، بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەندە، تىل گېزى قېلىن بولۇش، ئېغىزى يېپىشقاق بولۇش، ئىككى پۇتى ئېغىرلاپ كېتىش، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى قانداق يېگەندە ساغلام بولىدۇ، بۇنىڭدا ئىككى نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بىرىنچى، مىقدارىنى كونترول قىلىش. كۈندە يېيىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ھەپتىدە 3-5 قېتىم ئازراق يېيىش كېرەك. ئىككىنچى، ئىمكان بار خام يېيىش. قورۇغان، مايدا پىشۇرغان قاتتىق پوستلىق مېۋىلەرنى كۆپ يېمەسلىك ياكى يېمەسلىك، خام ياكى پىشۇرغان قاتتىق پوستىلىق مېۋىلەرنى يېيىش، مەسىلەن، مىفەن ياكى شوۋىگۈرۈچكە سېلىپ يېيىش كېرەك.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى