تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

جېجياڭ خۇجوۋ: يېشىل، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى كېڭەيتىش زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇجوۋ شەھىرى دۇڭلىن بازىرىغا جايلاشقان خۇجوۋ ۋۇشىڭ چىڭۋۇ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى بېلىق بىلەن كۆكتات بىللە ياشاش پارنىكىدا، خىزمەتچى خادىم يېڭى كۆكتاتلارنى ئۈزمەكتە.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: خۇجوۋ ۋۇشىڭ چىڭۋۇ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى بېلىق بىلەن كۆكتات بىللە ياشاش سىستېمىسى بىر يېپىق ھالەتتىكى ئايلانما سىستېما بولۇپ، نۆل بۇلغىنىش، نۆل چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق، بېلىق باقسا سۇ ئالماشتۇرماسلىق، كۆكتات تېرىسا ئوغۇتلىماسلىقتەك يېشىل، بۇلغىمىسىز تېرىش، بېقىش ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجوۋ شەھىرى ۋۇشىڭ رايونى دۇڭلىن بازىرى يېشىل، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى بويىچە تېرىش، بېقىش ئەندىزىسىنى ئاكتىپ كېڭەيتتى، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى يېشىل، ئېكولوگىيەلىك، بۇلغىنىشى تۆۋەن، ئاشۇرما قىممىتى يۇقىرى يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى قوللىنىشقا يېتەكلەپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.(شۈ يۈ فوتوسى)

10-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇجوۋ شەھىرى دۇڭلىن بازىرىغا جايلاشقان خۇجوۋ ۋۇشىڭ چىڭۋۇ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى بېلىق بىلەن كۆكتات بىللە ياشاش پارنىكىدا، خىزمەتچى خادىم ئوكۇن بېلىقىنىڭ چوڭ بولۇش ئەھۋالىنى كۆرمەكتە.
10-ئاينىڭ 13-كۈنى، خۇجوۋ شەھىرى دۇڭلىن بازىرىغا جايلاشقان خۇجوۋ ۋۇشىڭ چىڭۋۇ ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى بېلىق بىلەن كۆكتات بىللە ياشاش پارنىكىدا، خىزمەتچى خادىم ئوستېر بېلىقىنىڭ چوڭ بولۇش ئەھۋالىنى كۆرمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق «ئىئانە قويى»نى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاي ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىش پىلانلاندى
  • شىنجاڭ كورلا: كۈز مەنزىرىسى بىلەن پۈركەنگەن «قاقاس تاغ»