تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى گۈل دېڭىزى

 ساياھەتچىلەر گۈللەر ئارىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.

    شىنخۇا تورى خەۋىرى: چاڭجياڭنىڭ جەنۇبىدىكى گۈللەر ھال رەڭ گۈل دېڭىزىغا ئوخشايدۇ. كۈز مەزگىلىدە، ئەنخۇينىڭ نىڭگو شەھىرى گاڭكوۋ بازىرى شەنمېن كەنتىدىكى شەنمېندۇڭ مەنزىرە رايونىدا، يۈز موغا يېقىن يەردىكى چۈجگۈن ئوتى چېچەكلىدى. ئېگىزدىن قارىغاندا، ھال رەڭ چۈجگۈن ئوتى شامالدا يەلپۈنۈپ، دولقۇن ھاسىل قىلىپ، غايىۋى مەنزىرە شەكىللەندۈردى. بۇ كەنتنىڭ ئوخشىمىغان گۈللەردىن تەركىب تاپقان شەنمېن كەنتى «رەڭلىك يېزا ئىگىلىكى» دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولۇپ، «تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە مەنزىرە بولۇش، گۈل دېڭىزى خۇش ھىدىنى تارقىتىش»تەك كۆرۈنۈشنى نامايان قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى، يۈلەن گۈلى بايرىمى، مىڭلىغان ئادەم شەنمېننى ساياھەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى شەنمېن كەنتىدە ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئەتراپتىكى ئۆلكە، شەھەرلەر، بولۇپمۇ چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، بۇ كەنتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى. 

شىنخۇا تورى تارقاتتى (لى شياۋخۇڭ، شۈ جۈن فوتوسى)


مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى