تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 600 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز جاڭ جىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر تيەن پېڭ خەۋىرى): «13-بەش يىل»دىن بۇيان، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى قاتلامدىن ئالغا سىلجىتىپ، 600 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈردى.

  10 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسىدىكى دېھقان مەمەت ھەبىبۇللا يېڭى تۇرالغۇسىغا ئۆي جاھازلىرى سېتىۋالدى، كەنت ـ بازار كادىرلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەبرىكلىدى. ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: «بۇلتۇر ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە كۆچۈپ كىردۇق، سۇ، توك ھەممىسى تولۇق، تاماق ئېتىشتە گاز ئوچاق ئىشلىتىمىز، يۇيۇنۇشمۇ قولايلىق، بۇنداق ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتىدۇ» دېدى.

  «13ـ بەش يىل»دىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھۆكۈمەت ياردەم پۇلى بېرىش، نىشانلىق ياردەم بېرىش، جەمئىيەت ياردەم بېرىش-يۆلەش ۋە دېھقانلار ئۆزى مەبلەغ توپلاش قاتارلىقلارنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، جەمئىي 10 مىليارد 811 مىليون يۈەن قۇرۇلۇش مەبلىغى سېلىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە كۈچ قوشتى.

  «ئاقسۇ ۋىلايىتى سىياسەت، مەبلەغ جەھەتتە مايىللىشىش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىدا سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋاقىت ئۆتكىلى بويىچە ئالغا سىلجىتىشنى قاتتىق چىڭ تۇتۇپ، ھەر يىلقى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشىنى مۇددەتتىن بۇرۇن پۈتكۈزۈش ھەم ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈردى» دېدى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى لى شياۋمۇ.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى ھەر مىللەت ئاممىغا بەخت يارىتىدىغان ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى قىلىپ، بىر كەنتتە بىر پىلان بولۇش، بىر ئائىلىدە بىر لايىھە تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆي سالغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، يېزىلاردىكى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى، كەنتلەرنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كەنت قىياپىتىنى يېڭىلىدى.

  10 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ياركۆۋرۈك يېزىسى ياركۆۋرۈك كەنتىگە كىرگەندە، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى مەركەزلەشكەن تۇتاش رايوندا ھەر بىر كەنت ئاھالىسىنىڭ يېڭى ئۆيىنىڭ تېرىقچىلىق رايونى، تۇرمۇش رايونى ۋە باقمىچىلىق رايونى بويىچە بىرتۇتاش پىلانلانغانلىقىنى، سۇ، توك، يول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەممەللەشكەنلىكىنى كۆرگىلى بولاتتى. بۇنىڭدىن باشقا، كەنتتە يەنە چېنىقىش مەيدانى، كەنت ئاھالىلىرى مۇلازىمەت پائالىيەت مەركىزى قۇرۇلغانىدى.

  ئەمىن تاپقۇزۇش پەقەت بىرىنچى قەدەم بولۇپ، «خەلقنى بېيىتىش»، ئاندىن «بەختلىك قىلىش» ئاخىرقى مەقسەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت، شۇنداقلا كەنتتە تۇرۇشلۇق ھەر دەرىجىلىك خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا، ئۆي سېلىش ھۈنەرۋەنلىرىنى ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى تەرتىپلىك يۆتكىلىپ، ھەر مىللەت ئامما خاتىرجەم ئولتۇراقلىشالايدىغان، تېز بېيىيالايدىغان بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى