تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

قۇرۇت «ئالتۇن قۇرۇت»قا ئايلاندى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جېڭ جو خەۋىرى): «ئالامسىز؟ بىر كىلوسى 100 يۈەن، تەمىنى ياقتۇرسىڭىز تور دۇكىنىمىزدىن سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.» 10 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باقىت ئايدار كېگىز ئۆيىنىڭ ئالدىدا توۋلاپ قۇرۇت سېتىۋاتاتتى.

  باقىت بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ ئويماق بازىرى ئاقبۇلغۇن كەنتىدىكى چارۋىچى، ئۇنىڭ ئۆيى ئوتلاق تاش ئادىمى مەنزىرە رايونىغا يېقىن بولۇپ، كېلىپ ـ كېتىپ تۇرىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى، ئۇ سۈت مەھسۇلاتلىرى ياساپ سېتىشقا تايىنىپ، كەنتتىكى باي ئاھالىگە ئايلاندى.

  ئىلگىرى، ھەر قېتىم پادا باققاندا، باقىت ئۆزى ياسىغان قۇرۇتتىن بىر نەچچە خالتا قاچىلاپ چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى دوستلىرىغا سوۋغا قىلاتتى، كۆپچىلىك باقىتنىڭ قۇرۇتىنى يېيىشنى ياخشى كۆرەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇرچىنغا ساياھەتكە بارىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيدى. بەزىدە، چارۋىچىلىق مەيدانىغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۇچراتقاندا باقىت قىزغىنلىق بىلەن قۇرۇتىنى ئېلىپ چىقىپ، ساياھەتچىلەرگە ئۆزىنىڭ مەھسۇلاتىنى تېتىپ بېقىشقا سۇناتتى.

  «قۇرۇت يامان ئەمەسكەن، بىر كىلوگىرامى قانچە پۇل؟» ساياھەتچىلەر پات-پات مۇشۇنداق سورايتتى، ئۇنىڭدىن قۇرۇتنىڭ باھاسىنى سورىغان ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، باقىتتا مۇنداق ئوي پەيدا بولدى: «ئەسلىدە شۇنچە كۆپ ئادەم بىزنىڭ قۇرۇتنى ياخشى كۆرىدىكەن، ئۇنداقتا دەرھال قۇرۇت مەخسۇس سېتىش دۇكىنى ئاچاي!»

  2016 ـ يىلى يازدا، باقىت ئائىلىسى ئاقكۇنگەيتى ئوتلاق تاش ئادىمى مەنزىرە رايونىنىڭ ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلدى. ئاقكۇنگەيتى ئوتلاق تاش ئادىمى مەنزىرە رايونى دۆلەت 4A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ. تۇنجى كۈنى تىجارەت باشلىغاندا، باقىت 1000 يۈەنلىك قۇرۇت ساتتى، ياز پەسلى ئاخىرلاشقاندا، باقىت ئائىلىسى 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. بۇنىڭ بىلەن باقىت قۇرۇتقا تايىنىپ بېيىش يولىدا داۋاملىق مېڭىشنى قارار قىلدى!

  باقىتنىڭ قىزى مارجان باقىتمۇ بۇ «ئائىلە مىراس ھۈنىرى»نى ياخشى كۆرىدۇ، دائىم دادىسىغا ياردەملىشىپ قۇرۇت ياساپ بېرىدۇ، قاينىتىپ پىشۇرىدۇ، پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ، ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتىدۇ... ھەر بىر ھالقىدا، ئۇ قىلچە بىخەستەلىك قىلمايدۇ.

  2019 ـ يىلى، مارجان خاربىن پۇل-مۇئامىلە شۆيۈەنىگە ئۆتتى، يۈك ـ تاق ساندۇقىغا ئۇ ئۆزى ياسىغان بىر خالتا قۇرۇتنى سېلىپ قويدى. ناھايىتى تېزلا مەكتەپتىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلار قۇرۇت «مەستانىسى» بولۇپ قالدى. ئۇ كۆپ قېتىم دادىسىغا يېڭى قۇرۇت ئەۋەتكۈزۈپ، بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 50 كىلوگىرام قۇرۇت سېتىپ، 5000 يۈەن كىرىم قىلدى.

  ئەسلىدە «كونا تەم» قۇرۇتىنىڭ بۇنچە بازىرى بار ئىكەن. مارجان دەرھال توردا سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ، قۇرۇتنى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋلارغا ساتتى. «يۇرتۇمدا نۇرغۇن <كونا تەم> بار، لېكىن ئۇزاقتىن بۇيان، كۆپچىلىك <كونا تەم>نى بازارغا يۈزلەندۈرەلمىدى. ھازىر ساياھەت بازىرىنى ئېچىش دەرىجىسى بارغانسېرى ئۆستى، توردا مال سېتىۋېلىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق سېتىش شەكىللىرى بارلىققا كەلدى، بۇ بىزدەك ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كەڭ بازار بىلەن ئۇچراشقۇزدى» دېدى مارجان. ئۇنىڭ قۇرۇتنى تېخىمۇ يىراق جايغا سېتىشقا ئىشەنچى بار ئىدى.

  ھازىر، مارجان سېرىق ماي ۋە پىشلاقنى ئوراپ قاچىلاشنى پىلانلاۋاتىدۇ. ئۇ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، ئەنئەنىۋى «كونا تەم + خۇسۇسىيەتلىك يېڭى ئورالما» چوقۇم بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى