تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

قوش بايرام مەزگىلىدە قومۇلنىڭ ساياھىتى قىزىپ كەتتى

 «ساياھەت +» تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تېز ئالغا سىلجىتىلدى

مۇزىكا ئەترىتى ساياھەتچىلەر ئۈچۈن ئويۇن قويۇپ بەرمەكتە. (سۈرەتنى قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن)

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمىڭ خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە، قومۇل شەھىرى جەمئىي 552 مىڭ 700 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %140.55 ئاشقان؛ ساياھەت كىرىمى 134 مىليون 443 مىڭ 500 يۈەنگە يېتىپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %380.37 ئاشقان. پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، قومۇل «ساياھەت +» يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، ئەسلىھەلەرنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى ھەمدە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇردى.

  10-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاراتۈرۈك ناھىيەسى 12-نۆۋەتلىك توغراق مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى باشلاندى. ساياھەت بايرىمى «2020 مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، «ئالغا! توغراق» لىنىيەسىدە مارافون، بىۋاسىتە كۆرسىتىش «تور رىياسەتچى سىزنى توغراق ئىزدەشكە تەكلىپ قىلىدۇ» + «ۋاڭخۇڭ ھېس قىلىش سارىيى»، «مىللىي گۈزەللىك . غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىلىرىغا بولغان مۇھەببەت» شەكلىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 10-ئاينىڭ 3-كۈنى، قومۇل شەھىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «تەنتەربىيە لاتارىيەسى لوڭقىسى» ئەركىن غالتەك تېيىلىش تەكلىپ مۇسابىقىسى قومۇل تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى؛ 10-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، 2020 دۇنخۇاڭ . قومۇل داخەيداۋ دەرىجىدىن تاشقىرى دالا مۇسابىقىسى بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ساياھىتىدە قايتا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇقىرى دولقۇنىغا تۈرتكە بولدى.

  «قومۇل <ساياھەت +> يۇغۇرما تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى + ساياھەت، مەدەنىيەت + ساياھەت، تەنتەربىيە + ساياھەت قاتارلىق ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويدى. ساياھەت يېڭى كەسىپ ھالىتى مەۋقەنى ئۆز ئالاھىدىلىكىگە قويۇشى، بولۇپمۇ ئۆزىدىكى بايلىق ۋە ئەۋزەللىكتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەسلىدىكى ئاساستا چوڭقۇر قېزىشى كېرەك، بۇنداق تۈرلەر تېخىمۇ ئۆزگىچە، تېخىمۇ يېقىشلىق، كىشىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلالايدۇ.» دېدى قومۇل شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ شياۋجىن.

    10-ئاينىڭ 2-كۈنى، قومۇل شەھىرى بۇ يىلقى تۇنجى تۈركۈمدىكى خېنەن ھۆددە ئايروپىلان ساياھەتچىلىرىنى كۈتۈۋالدى.

  «شىنجاڭ ياخشى جاي، ئاتا-ئانام ئىلگىرى بۇ يەرگە مائارىپقا ياردەم بەرگىلى كەلگەن، مەن كىچىكىمدىن شىنجاڭغا بېرىپ، بۇ يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى ھېس قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، بۇ قېتىم قومۇلغا كېلىپ، ھەيۋەتلىك، گۈزەل توغراقلىقنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە مېۋە-چېۋە ۋە مەززىلىك تائاملارنى يەپ، ناھايىتى قالتىس تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.» دېدى خېنەنلىك ساياھەتچى چېن ۋېنجيې.

  جاڭ شياۋجىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھۆددە ئايروپىلان پائالىيىتى قومۇل ساياھەت بازىرىنى جانلاندۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. كېيىنكى قەدەمدە، ساياھەت ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزى، ھۆددە ئايروپىلانى تەشكىللەش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىنىڭ ھەمتۈرتكە رولىنى كۈچەيتىپ، قومۇل ساياھەت بازىرىنىڭ جانلىنىشى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  «يېقىندا، بىز يەنە گەنسۇ دۇنخۇاڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ساياھەت مەخسۇس پويىزى تەسىس قىلىپ، چوڭ مەنزىرە رايونى ئارقىلىق كىچىك مەنزىرە رايونلىرىغا تۈرتكە بولۇپ، قومۇل ساياھىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە باشلامچى بولدۇق.» جاڭ شياۋجىن مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنىڭ ۋاسىتىچى بولۇشى بىلەن، قومۇل ساياھەت تونۇشتۇرۇش يىغىنىمۇ خېنەن ئۆلكىسى لوخې شەھىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى ھەم ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى، كېلىشىم مەزمۇنىغا ئاساسەن، لوخې شەھىرى قومۇل ئاراتۈرۈك ناھىيەسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە بايلىقىنى ئېچىپ، قومۇل ئاراتۈرۈك ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت، تەنتەربىيە، ئىستىراھەت قاتارلىق خاس كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، قومۇل مەدەنىيەت-ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى