تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

«تېرىپ» چىقىلغان گۈزەل كۈنلەر

ياڭ خەييەن ساياھەتچىلەرنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشىغا سۇنۇش ئۈچۈن ئۈستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرىنى ئېتىزغا تىزماقتا (8-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان).

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (دائىمىي تۇرۇشلۇق مۇخبىر خۇ ۋېيبىن فوتوسى، خەۋىرى): يېقىندا، 4-شى 65-تۇەن 8-ليەنى «شياۋياڭ ئۈستىقۇددۇس باغچىسى» 100دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى. «شياۋياڭ ئۈستىقۇددۇس باغچىسى»نىڭ ئىگىسى ياڭ خەييەن ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

بۇ تۈركۈم ساياھەتچى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلار ئەتىگەن سائەت 10دا «شياۋياڭ ئۈستىقۇددۇس باغچىسى»غا كېلىپ، چۈشتىن كېيىن سائەت 5تە ئاندىن قايتقان، ھەقىقەتەن كۆڭۈللۈك ئوينىغانىدى.

«قورغاس ناھىيەسى ئۈستىقۇددۇس ماكانى، ئۈستىقۇددۇس تېرىلغۇ كۆلىمى چوڭ، مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل، لېكىن ساياھەتچىلەر سۈرەتكە تارتسا، كۆپىنچە ھەق ئېلىنىدۇ. دوستۇم تونۇشتۇرۇپ <شياۋياڭ ئۈستىقۇددۇس باغچىسى>دا ھەق ئېلىنمايدۇ دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىز كەلدۇق. ئايال لوبەننىڭ بىزگە بۇنچە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى، ئۆزىمىزنىڭ بۇنچە خۇشال ئوينىيالايدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن» دېدى ساياھەتچى جاڭ خانىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

ساياھەتچىلەر ئېتىزنى ھەقسىز تاماشا قىلسا، ياڭ خەييەن زىيان تارتمامدۇ؟ تىجارەت يولىنى تىلغا ئالغاندا، ياڭ خەييەن كۈلۈپ كەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن ساياھەتچىلەردىن ئېتىزغا بېرىپ تاماشا قىلىش ھەققى ئېلىشقا تايىنىپ پۇل تاپمايمەن، ئۈستىقۇددۇس يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ كىرىم قىلىشقا تايىنىمەن.»

بۇ يىل 30 ياشقا كىرگەن ياڭ خەييەن بىلەن ئېرى ما ۋېيدۇڭ 8 ـ ليەننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى، ئۇلار 200 مو ئۈستقۇددۇس تېرىپ، ھەر يىلى ئۈستىقۇددۇس قۇرۇق گۈلى ۋە ساپ مېيى سېتىپ، 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. ئۇلار يەنە ئۈستىقۇددۇستىن پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار ۋە يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ئارقىلىق ئوخشاش كىرىمگە ئېرىشتى.

تىجارەتنى ئېتىز بېشىغىچە قىلىش ياڭ خەييەننىڭ تىجارەت يولى. بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئۇ ئېرى بىلەن بېيجىڭغا بېرىپ ئاشپەزلىك كەسپىنى توققۇز ئاي ئۆگەندى، ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ غۇلجا، قورغاس قاتارلىق جايلاردا ئاشخانا ئاچتى، يىللىق كىرىمى 60~70 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولدى. سىرتتا سودا قىلسا ياشانغانلار ۋە بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغاچقا، ئاخىرى، ئەر-خوتۇن ئىككەيلەن ليەندۈيگە قايتىپ يەر تېرىشنى قارار قىلدى.

ئۈستىقۇددۇس شۇ جاينىڭ خاس تېرىقچىلىق كەسپى، ياڭ خەييەن ئۆزىنىڭ يېرىگە پۈتۈنلەي ئۈستقۇددۇس تېرىدى، ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولماي، 3-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن ياخشى پايدىغا ئېرىشتى.

«ئۈستىقۇددۇس تېرىغاندىن بۇيان، ھەر يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە، تاماشا قىلغىلى كېلىدىغان ساياھەتچىلەر ناھايىتى كۆپ بولدى. باشتا، بىز ئاز مىقداردا ھەق ئالدۇق. ساياھەتچىلەر بولسا ئۈستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىپ ئېلىپ كېتىپ خاتىرە قالدۇرۇشنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن بىزدە يوق ئىدى، شۇڭا ئۇلار باشقا جايغا بېرىپ سېتىۋالدى. كۆپچىلىكنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئېتىز بېشىغا بىر ئېغىز ئۆي سېلىپ، زاۋۇتتىن بىر قىسىم ئۈستىقۇددۇس مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىۋېلىپ ئىچىگە تىزىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تاللاپ سېتىۋېلىشىغا سۇندۇق» دېدى ياڭ خەييەن.

دەسلەپتە، ياڭ خەييەن مال سېتىۋالغان ساياھەتچىلەردىن ئېكسكۇرسىيە ھەققى ئالماي، باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى، كېيىن، ئۇ ئېتىزغا تاماشا قىلغىلى كەلگەن بارلىق ساياھەتچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ھەق ئالمىدى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئۇ يەنە ئۈستىقۇددۇس باغچىسىغا رەڭلىك ئىشىك، ئاسما كارىۋات قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، ساياھەتچىلەرنى سۈرەتكە تارتىش، ئارام ئېلىپ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. «شياۋياڭ ئۈستىقۇددۇس باغچىسى»دىكى ئۆزگىرىشلەر، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، بۇ يەرگە ئوينىغىلى كېلىدىغانلارنىڭ 6-ئايدىن 9-ئايغىچە ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئۈستىقۇددۇس باغچىسى ھەر يىلى نەچچە ئون مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغان بىر كۈندە نەچچە مىڭ ساياھەتچى كېلىدۇ.

بۇ يىل، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەر زور دەرىجىدە ئازايدى، ياڭ خەييەن يەنە توردا سېتىش يېڭى يوللىرىنى ئېچىپ، ئۆزىنىڭ سېتىش تور نۇقتىسىنى قۇردى، توردا 20 نەچچە ئۈستىقۇددۇس يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتىنى سېتىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تۆگە سۈتى پاراشوكى، قۇرۇق مېۋە قاتارلىقلارنى ۋاكالىتەن ساتتى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈستىقۇددۇس كۆچىتى، ئۇرۇق قاتارلىقلارنى ساتتى، ھەر كۈنى دېگۈدەك زاكاز بار ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ياڭ خەييەن «شياۋياڭ ئۈستىقۇددۇس باغچىسى»نى ئاۋاتلاشتۇرۇپ، خېلى كۆپ كىرىم قىلىپ، بىنا ئۆي، كىچىك ئاپتوموبىل سېتىۋالدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى