تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلىتىمىز پات ئارىدا يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

ئازايغان نامرات نوپۇس 50 مىليوندىن ئاشتى:

دۆلىتىمىز پات ئارىدا يېزىلاردىكى نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئاينىڭ 11-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر خوۋ شۆجىڭ) بۇ يىل دۆلەت بايرىمىنىڭ ئالدىدا، يىزۇ ئاممىسى شاما زويې سىچۇەن ئۆلكىسى جاۋجۆ ناھىيەسىنىڭ نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسى بولغان مۇئېندى مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلدى. يېڭى ئۆينىڭ ئەتراپىدا، كىيىم - كېچەك زاۋۇتى، ماسكا زاۋۇتى، سۇلياۋ پولات زاۋۇتى قۇرۇلدى، ناھىيە بازىرىنىڭ سىرتىدا يەنە سىچۇەن پەنشى ۋىلايىتىدىكى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى بار، گۇاڭدۇڭغا بارىدىغان ئىشلەمچىلەرنى توشۇيدىغان مەخسۇس ئاپتوموبىل ياشلارنى ئېلىپ يىراققا يۈرۈپ كەتتى.

شاما زۇيېغا ئوخشاش، «13-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزدە يېزىلاردىكى 50 مىليوندىن ئارتۇق نامرات نوپۇس مۇتلەق نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى 2016 - يىلىدىكى %4.5 تىن 2019 - يىلىدىكى %0.6كە تۆۋەنلەپ، رايون خاراكتېرلىك ئومۇمىي نامراتلىق ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلىندى.

«13-بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزدىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى نامرات نوپۇسلارغا ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلىش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇسلارنىڭ كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2016 - يىلىدىكى 4124 يۈەندىن 2019 - يىلىدىكى 9057 يۈەنگە كۆپەيگەن بولۇپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى %30 بولغان. نامرات ئاممىنى «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق» سۈپىتى، سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئاشقان، « ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئومۇمىي جەھەتتىن ھەل قىلىنغان.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىزدىكى نامرات نوپۇسلارنىڭ كىرىم قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالىشىپ، ئۆز ئالدىغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىقتىدارى مۇقىم ئاشتى. نامرات نوپۇسلار ئاساسلىقى ئىشلەمچىلىك ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەمگىكى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئەمگەك كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلدىن - يىلغا ئاشتى، ئەمگەك كىرىمىدىن باشقا كىرىمنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يىلدىن - يىلغا تۆۋەنلىدى، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيەتلىك سىجىل ھالدا مۇقىم ئاشتى.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، دۆلىتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىنى مىسلىسىز سالماق ۋە كۆلەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ھەر يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش توغرىسىدا سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئوخشاش بولمىغان باسقۇچتا دۇچ كەلگەن ئوخشاش بولمىغان مەسىلىلەرگە قارىتا، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، سالمىقىنىڭ زور، كۆلىمىنىڭ كەڭ، نەتىجە - ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك، تەسىرىنىڭ چوڭقۇر بولۇشى مىسلىسىز، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تارىخىدا مۆجىزە ياراتتى.

بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نىشانى تاماملانغاندىن كېيىن، جۇڭگو بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئون يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانى بىلەن جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش تەجرىبىلىرى» تور مۇھاكىمە يىغىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق باش كاتىپى پەن جىۋېن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئاجايىپ تەرەققىيات مۇساپىسى پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى