تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەربىر ئاغرىقنى ياخشى قوغدايمەن

يۈ چاۋشيا:

ھەربىر ئاغرىقنى ياخشى قوغدايمەن

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چاۋ جىن

«ئاغرىقلار تىنچ - ئامان بولسىلا، بارلىق تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ھەممىسى ئەرزىيدۇ.» ھەر قېتىم ئاغرىق دوختۇرخانىدىن چىققان چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسلىگەندە، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانا ئېغىر كېسەللەر تېببىي مەركىزى 1 - بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈ چاۋشيانىڭ چېھرىدە مەمنۇنىيەت كۈلكىسى جىلۋىلىنىدۇ.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ئاغرىقلىرىنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتا، ئېغىر كېسەل، خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش مۇھىمنىڭ مۇھىمى، شۇنداقلا كېسەل بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئاچقۇچ. بۇ ئەڭ قىيىن ئۆتكەل ئالدىدا، بارلىق تېببىي خادىملار پۈتۈن كۈچىنى چىقاردى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، يۈ چاۋشيا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋۇخەنگە ياردەم بېرىشكە تىزىملاتتى، بۇ قېتىم يۇرتىدا يۇقۇم يۈزبەرگەندە، ئۇ يەنە بىر قېتىم بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى... «يۇقۇم»غا قارشى جەڭدە قەدىمى توختاپ قالمىدى.

يۇقۇم يۈزبەرگەن دەسلەپكى مەزگىلدە، يۈ چاۋشيا ئېغىر مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 1 - دوختۇرخانىنىڭ ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش كوللېكتىپىنى باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىغا كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ICU1 ئاغرىقلار رايونىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ ھەم ئۇنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان 1 - تۈركۈمدىكى ئېغىر كېسەل، خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەرنى قوبۇل قىلىپ داۋالاشقا باشلىدى.

يۈ چاۋشيا كېچە - كۈندۈز ئاغرىقلار رايونىنى قوغداپ، تۈرلۈك تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆردى، ئاغرىقلارنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسىنى سۈرۈشتۈردى، داۋالاش لايىھەسىنى تەڭشىدى، كېسەللىك مىسالىنى تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى، ئاغرىقلارنى جىددىي قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى... دەسلەپكى مەزگىلدىكى يۇقىرى سىجىللىقتىكى خىزمەت ھالىتى ھازىرقىدەكلا ئۇنىڭ ئېسىدە.

«ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر كۈندە بىز تۆت ئاغرىقنى جىددىي قۇتقۇزدۇق، ئاغرىقلار رايونىدىن چىققاندا ئەتىسى سەھەر سائەت 8 بولغانىدى.» يۈ چاۋشيانىڭ ئېيتىشىچە، شۇ كۈنى كېچىدە بىر ئاغرىقنىڭ نەپەس ئېلىشى ئاجىزلىشىپ، كانايغا نەيچە كىرگۈزۈپ مېخانىكىلىق نەپەس راۋانلاشتۇرۇلغان ئەھۋالدىمۇ، ئوكسىگېننىڭ تويۇنۇش دەرىجىسى يەنىلا نىشان قىممىتىگە يەتمىگەن، ئۇ كوللېكتىپنى باشلاپ بىرىنچى خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىققا ECMO ماشىنىسىنى ئىشلىتىشنى تاماملىغان.

كېيىنكى قەدەمدە يۈ چاۋشيا ۋە كوللېكتىپ ئەزالىرىنىڭ سىجىل چىڭ تۇرۇشىغا توغرا كېلەتتى. «بولۇپمۇ ECMO نورمال ئايلىنىۋاتقان مەزگىلدە، ئاپپاراتنىڭ تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلىرى بىلەن ئاغرىقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىر - بىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەر قانداق بىر مۇۋاپىق بولمىغان بىر تەرەپ قىلىش جانغا زامىن بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا 24 سائەت ئۈزۈلدۈرمەي قوغداپ، كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق قىممىتىگە ئاساسەن داۋالاش لايىھەسىنى ھەر ۋاقىت تەڭشىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.» قۇتقۇزۇش - داۋالاشنىڭ ئەڭ جىددىي پەيتىدە، يۈ چاۋشيا ئىشخانىسىدا قوندى.

«ICU ئاغرىقلىرىنىڭ ساقىيالىشىنىڭ ھەممىسى قوغدىشىمىزدىن كەلگەن!» دېدى يۈ چاۋشيا قەتئىي ئىشەنچ بىلەن. ئاغرىقلار رايونىدىن قانچىلىك كەچتە چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، يۈ چاۋشيا ھەر كۈنى سائەت 10دا ئېچىلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىش يىغىنىغا دائىم دەل ۋاقتىدا قاتنىشىدۇ. يىغىندىن بۇرۇن، ئۇمۇ تولۇق تەييارلىق قىلىدۇ. «مەن تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم قىلىشقا تېگىشلىك ھەربىر ئاغرىقنىڭ تەپسىلىي كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئۆزگىرىش كۆرسەتكۈچىنىPPT قىلىپ ئىشلەپ، ئالدىنقى كۈنىدىكى سانلىق مەلۇماتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تەھلىل قىلىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى دىياگنوز قويۇش - داۋالاش لايىھەسى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن».

يۈ چاۋشيانى خۇشال قىلغىنى شۇكى، بىر قېتىم دۆلەت مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىدىكى مۇتەخەسسىس چيۇ خەيبو ئۇنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: «ئەگەر مېنىڭ ئاغرىقلىرىم بولسا، مەن سىز تۇرۇشلۇق ئاغرىقلار رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خالايمەن».

يۈ چاۋشيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېغىر ئاغرىقلارنى داۋالاش كوللېكتىپىدىكى بارلىق دوختۇر - سېسترالارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ قوغدىشى بىلەن، بۇ قېتىمقى يۇقۇمدىكى قۇتقۇزۇش - داۋالاشتا ئېغىر كېسەل، خەتەرلىك ئېغىر كېسەلدىن بىرىمۇ ئۆلۈپ كەتمىدى. «كەسپىي بىلىمىم ئارقىلىق بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلالىغانلىقىمدىن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن» دېدى يۈ چاۋشيا.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى