تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

دۆلەت بايرىمىدا، نارات مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەتچىلىك كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.73 ئاشتى

  ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ نىڭنىڭ خەۋىرى، سۈرەتنى مەنزىرە رايونى تەمىنلىگەن): 10-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى نارات ساياھەت مەنزىرە رايونىدىن ئىگىلىشىچە، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلىكتىن 14 مىليون 414 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.73 ئاشقان.

ناراتنىڭ رەڭدار كۈز مەنزىرىسى

  ئالتۇن كۈز پەسلىدىكى ناراتنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچە بولۇپ، تاغ-دەريا، ئورمان، ئوتلاقلارنىڭ قاتلىمى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. شېئىرىي تۇيغۇغا باي، سۈرەتتەك گۈزەل كۈز مەنزىرىسى، كىرىش بېلىتى ھەقسىز بولۇش سىياسىتى ۋە نادىر يۈرۈشلۈك باش تېمىلىق پائالىيەتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. مەنزىرە رايوننىڭ ئالقىشلىنىش دەرىجىسى ۋە ساياھەت كىرىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر %3نى، شىنجاڭ ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر %61نى ئىگىلىدى.

  نارات مەنزىرە رايونى ساياھەتچىلەر مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى شۈ جۈەن مۇنداق دېدى: «رەڭدار تەبىئىي مەنزىرە، ئالدىنقى مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار ئېتىبار سىياسەتلەر ۋە ھازىرقى قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك ساياھەت مۇلازىمىتىمۇ شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا، بۇ يىل دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە ساياھەتچىلەر زور دەرىجىدە كۆپەيدى. كېيىنكى قەدەمدە، مەنزىرە رايونىمىز قىشلىق ساياھەت پائالىيىتى، قىشلىق ساياھەت ئەندىزىسى، بەزى مىللىي ئۆرپ-ئادەت پائالىيەتلىرىنى يولغا قويىدۇ، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىكى كەڭ ساياھەتچىلەرنىڭ نارات مەنزىرە رايونىغا كېلىپ، قىشتىكى ئوتلاق مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى