تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

ئالتاي ۋىلايەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە باشلاندى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر مېرىك فوتوسى، خەۋىرى) 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «ئالتاي چوڭ قۇيرۇقلۇق قوي لوڭقىسى» پۇتبول مۇسابىقىسى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى چىغان جىگدە يېزىسىدا باشلاندى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، چىغان جىگدە يېزىسى قاتارلىق ۋىلايەت، ناھىيەلەرنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ھەم پۈتۈن ۋىلايەتتىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىن كەلگەن سەككىز پۇتبول كوماندىسى باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مۇسابىقىدە، تەنھەرىكەتچىلەر توپ ئېلىپ ماڭدى، توپ قوغدىدى، پاس بەردى، ۋاراتاغا توپ كىرگۈزدى...، كۆپچىلىكنىڭ ھەرىكىتى چاققان، غەيرەت-شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇراتتى، ئۇلار قايناق ھېسسىياتى بىلەن كەسپىي ماھارەت سەۋىيەسىنى نامايان قىلىپ، دوستلۇق بىرىنچى، مۇسابىقە ئىككىنچى بولۇشتەك تەنتەربىيە روھىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

  كۆكتوقاي ناھىيەسى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ماھىرى دانابېك نۇرلانبېك مۇنداق دېدى: «مۇسابىقە ناھايىتى كەسكىن بولدى، قارشى تەرەپ <ساھىبخانا كوماندىسى>نىڭ ئەمەلىي كۈچىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن، مۇسابىقە ئارقىلىق دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈردۇق، بەدىنىمىزنى چېنىقتۇردۇق، بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق چوڭ تىپتىكى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈپ، تەنتەربىيە ھەۋەسكارلىرىنى چېنىقىش سۇپىسى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پۇتبولچىلار جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، بۇرۇلتوقاي ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى چىغان جىگدە يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، مۇسابىقە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان، پۈتۈن ۋىلايەتتىن كەلگەن سەككىز ۋەكىللەر كوماندىسىدىن 100گە يېقىن ماھىر گۈزەل چىغان جىگدە يېزىسىدا كەسكىن مۇسابىقىلەشكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق «ئىئانە قويى»نى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاي ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىش پىلانلاندى
  • شىنجاڭ كورلا: كۈز مەنزىرىسى بىلەن پۈركەنگەن «قاقاس تاغ»