تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى تيەن لىن: يېزا بالىلىرىغا بىلىمدىن قانات بېغىشلايمەن

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر سۇڭ ياۋېن): «يۇرتۇمدا ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىش قىلىپ ئۆزۈمنى ناھايىتى بەختلىك ھېس قىلدىم» دېدى 10-ئاينىڭ 3-كۈنى 27 ياشلىق تيەن لىن.

  2017-يىلى، خوتەن ۋىلايىتى پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلىنىپ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنى ئاساسىي قاتلام مائارىپىغا ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى. تيەن لىن قىلچە ئىككىلەنمەي يۇرتىغا قايتىشنى تاللاپ، ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىسىغا ئايلاندى.

  ئۇ خوتەن شەھىرى لاسكۇي بازارلىق باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ كەنت دەرىجىلىك شۆبە مەكتىپى 一 كۆللەك كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە كەلدى، گەرچە ئىدىيەدە تەييارلىق كۆرۈپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن كۆز ئالدىدىكىنى كۆرۈپ، تيەن لىن يەنىلا گاڭگىراپ قالدى: كونا ئۆيلەر، توپا ئۇچۇپ تۇرغان مەيدان، ئاددىي ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى.

  كۆز ئالدىدىكى مۇھىت تيەن لىندا ۋاز كېچىش ئويىنى پەيدا قىلدى، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر پارچە خېتى ئۇنى ئۆزگەرتتى.

  2018-يىلى «1-ئىيۇن» بالىلار بايرىمىدا، تيەن لىن يېتەكلىگەن سىنىپ مەكتەپ ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكىدە بىرىنچى بولدى. ئويلىمىغان ئىش شۇ بولدىكى، ئوقۇغۇچىلار قىممەتلىك تەقدىرنامىنى ئۇنىڭغا سوۋغا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە بىر پارچە خەتمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭغا: «تيەن مۇئەللىم، بۇ بىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك تەقدىرنامىمىز، بىز بۇنى سىزگە سوۋغا قىلىمىز، جاپا چەكتىڭىز، بىز سىزنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمىز» دەپ يېزىلغانىدى.

    تيەن لىن بالىلاردىن تەسىرلەندى، ئۇ: «ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ، ھېرىپ چارچىساممۇ، بۇ يەردە قېلىپ ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەيمەن» دېگەن قەتئىي نىيەتكە كەلدى.

  ئاددىي مۇھىتقا قارىغاندا، ئوقۇتۇش خىزمىتى ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور خىرىس ئېلىپ كەلدى. «مەكتەپتىكى كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆيىدە قالغان بالىلار بولۇپ، ئاتا-ئانىسى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەن، بالىلار مەكتەپتىن قايتقاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئادەم يوق ئىدى. ئەمدىلا 4-، 5-يىللىقنىڭ ماتېماتىكا دەرسىنى ئۆتۈشكە باشلىغاندا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئۆگىنىش سۈرئىتىگە يېتىشەلمىگەنىدى» دېدى تيەن لىن ئەسلەپ.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، تيەن لىن ئوقۇتۇش سۈرئىتىنى تەڭشەپ، بىر تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلارغا ئىلگىرى ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى تەكرار قىلىپ بەردى، يەنە بىر تەرەپتىن تەدرىجىي ھالدا يېڭى دەرس ئۆتۈپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

   ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە كۆڭۈل بۆلگەندىن سىرت، ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ پىسخىكا مەسىلىسىگىمۇ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. «ئىچ مىجەز، كەم سۆز، ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كەمچىل بالىلارغا مەن تېخىمۇ كۆپ دىققەت قىلىشىم كېرەك.» ھەپتە ئاخىرىدىكى بوش ۋاقىتلاردا، ئۇ ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئاتا-ئانىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تۈرلۈك چارە-ئاماللار بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم ئۆگىنىشىگە ياردەم بەردى.

  دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىدا، تيەن لىن تەشەببۇسكار ھالدا بالىلار بىلەن «ئىچقويۇن-تاشقويۇن» بولۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «تيەن ئانا»سىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ غەمخورلۇقىدا، ئەسلىدىكى جىمغۇر، كەم سۆز ئوقۇغۇچىلار جانلىنىپ كەتتى، نەتىجىسى ناچار ئوقۇغۇچىلارمۇ ئالغا ئىلگىرىلىدى، بۇ ئۆزگىرىشلەر ئۇنى ئىنتايىن پەخىرلەندۈردى.

  ئۈچ يىللىق ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىقى مۇلازىمەت ۋاقتى ئاخىرلاشتى، تيەن لىن كەنتتە داۋاملىق قېلىشنى تاللىدى. بىر ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىدىن مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى، يېزا مائارىپىدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى يېزىپ قالدۇردى.

  تيەن لىن مۇنداق دېدى: «خوتەننىڭ مائارىپ سەۋىيەسى يەنىلا بىر قەدەر ئارقىدا، ئوقۇتۇش كۈچى ئاجىز، لېكىن بۇ مېنىڭ يۇرتۇم، مەن ئۇنى سۆيىمەن، مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىشىم كېرەك. مەن ئۆز كۈچۈم ئارقىلىق كەنتتىكى بالىلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارغا بىلىمدىن قانات بېغىشلايمەن، ئۇلارنى سىرتقا چىقىپ، سىرتقى دۇنيانى كۆرۈپ، كەلگۈسىدە قايتىپ كېلىپ يۇرتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئارزۇ قىلىمەن».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • دولانا پىشتى
  • شىنجاڭ كورلا: كىشىنى مەستخۇش قىلىدىغان كۈز مەنزىرىسى
  • ئالتۇن كۈزدىكى پاختا يىغىش ئالدىراشلىقى