تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈز پەسلىدە يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار (2)

تويۇنغىچە يەپ-ئىچمەسلىك

تويۇنغىچە يەپ-ئىچىش ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، فۇنكىسىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ كۈز پەسلىدە كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، قورساققا سوغۇق ئۆتۈپ ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسىلىنى پەيدا قىلىدۇ. تويۇنغىچە يەپ-ئىچىش ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ۋە ئاساسىي كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.

خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەسلىك

نۇرغۇن كىشىلەر كۈز پەسلىدە خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يەيدۇ، ئەگەر خام، سوغۇق يېمەكلىكلەرنى بىر قېتىمدىلا كۆپ يېيىلسە، ئۈچەي-ئاشقازانغا تەسىرى چوڭ بولۇپ، ئۈچەي-ئاشقازاننى بىئارام قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئاشقازان كېسىلى بار بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا دىققەت قىلىش كېرەك. شۇنداقلا يېمەكلىك تازىلىقىغا ئەھمىيەت بېرىش، پىششىق يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك.

قارىغۇلارچە يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلماسلىق

بەدەن شەكلىنى ساقلاش، قىشتا «سەمىرىپ» كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بەزى خانىم-قىزلار يېمەك-ئىچمەكنى قاتتىق كونترول قىلىپ، بەدەندە قان ئازلىق، ھەيز قالايمىقانلىشىش ۋە ئۈچەي-ئاشقازان كېسەللىكلىرى، قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق ماددا ئومۇميۈزلۈك شۇنداقلا تەڭپۇڭ بولۇشى كېرەك، شۇڭا مول بولغان ھەرخىل يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ، يېمەك-ئىچمەكنى كونترول قىلىش بەدەن شەكلىنى ساقلاشتىكى ئومۇمىي ئامىل ئەمەس، شۇڭا مۇۋاپپىق ھەرىكەت قىلىش زۆرۈر، بۇنداق قىلغاندا ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك قوبۇل قىلىنىشىنى ساقلىغىلى، يەنە بىر تەرەپتىن جىسمانىي كۈچ ۋە قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى