شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 10-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى. دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ كۆچمە قۇملۇق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدە ياپيېشىل 300 مو شال ئېتىزى بار. بۇ يەر 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى تۇغۇلغان بۇخەلچەم سادىرنىڭ خىزمەت ئورنى.
كۈزلۈك يىغىم مەزگىلى يېتىپ كەلدى، بۇخەلچەم دېھقانلارنى تەجرىبە ئېتىزىدا ئۇرۇق تاللاش، ھوسۇل يىغىشقا تەشكىللەپ، كېلەر يىلى بازىدا ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش ۋە تېرىشقا تەييارلىق قىلدى.
بۇخەلچەم شال ئېتىزىنىڭ باشقۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېتىزغا كېلىپ شالنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ. «بۇ يەر مېنىڭ بالامغا ئوخشايدۇ، ئۈچ يىلدىن بۇيان چۆللۈكتىن مۇنبەت ئېتىزغىچە بولغان ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولدۇم» دېدى ئۇ.
بۇخەلچەم شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى يوپۇغا ناھىيەسى بايئاۋات يېزىسىدا تۇرىدۇ، بۇ يەر تەكلىماكان قۇملۇقىغا يېقىن بولۇپ، دۇنيا بويىچە دېڭىز-ئوكيانغا ئەڭ يىراق جاي.
قۇرغاق رايونلاردا ئۇزاقتىن بۇيان بۇغداي، كۆممىقوناق، كېۋەز قاتارلىق قۇرغاقچىلىققا چىداملىق زىرائەتلەرنى تېرىش ئاساس قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، شال تېرىش يەنىلا يېڭىچە ئىش ھېسابلىنىدۇ.
يۈەن لۇڭپىڭنىڭ كوللېكتىپى ئۈچ يىل ئىلگىرى شىنجاڭ، خېيلۇڭجياڭ، شەندۇڭ، جېجياڭ قاتارلىق جايلاردىكى تەجرىبە بازىلىرىدا شورغا چىداملىق شالنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىدى. شىنجاڭنىڭ شورغا چىداملىق شال تەجرىبە بازىسى بۇخەلچەم تۇرۇشلۇق كەنتتىكى بىر پارچە بوش يەرگە جايلاشقان ئىدى.
تۇز تەركىبى تەخمىنەن 3 پىرسەنت پوئىنت، PH كىسلاتالىق ئىشقارلىق دەرىجىسى 7.8 بولغان بۇ ئېغىر دەرىجىدىكى شورلۇق يەردە شال تېرىغىلى بولامدۇ؟ بۇنىڭغا كەنتتتىكىلەرنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىدى.
«بۇ تەجرىبە ئېتىزى ئىلگىرى چۆل-باياۋان ئىدى، شال تېرىشنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە.» بايئاۋات يېزىسىنىڭ يېزا باشلىقى ئالىمجان مۇنداق دېدى: پۈتۈن يېزىدىكى شورلۇق يەر 15 مىڭ مو، ئىلگىرى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىغىلى بولمايتتى، ئامما شورغا چىداملىق شالنىڭ قاقاسلىقنى مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى تەقەززا بولدى.
بۇخەلچەم تۇنجى تۈركۈمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بازىغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا تىزىملاتقان كەنت ئاھالىسى. ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئۇ شال مايسىسى تىكىش، ئېتىزدىكى شورنى چىقىرىۋېتىش، سۇ ۋە ئوغۇتنى باشقۇرۇش قاتارلىق تېرىقچىلىق ئۇسۇللىرىنى نۆلدىن باشلاپ ئۆگىنىپ، قەدەممۇقەدەم پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ مۇھىم ياردەمچىسىگە ئايلاندى ھەم بىر يۈرۈش زامانىۋى شال تېرىش ئۇسۇلىنى مۇستەقىل ئىگىلەپ، ئائىلە ئايالىدىن شورغا چىداملىق شال باشقۇرغۇچىسىغا ئايلاندى.
ئەينى يىلى، پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشى بىلەن، شورغا چىداملىق شال تەجرىبە ئېتىزى مول ھوسۇلنى كۈتۈۋالدى. بۇ يىل يۈەن لۇڭپىڭنىڭ شورغا چىداملىق شال پەن تەتقىقات كوللىكتىپى ئۇدا ئۈچىنچى يىلى تېرىقچىلىق سىنىقى قىلدى، مەھسۇلات مىقدارىنى ئۆلچەش نەتىجىسىدە، شالدىن يەنە بىر قېتىم مول ھوسۇل ئېلىنىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.
شورغا چىداملىق شال بازىسى ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ لىشەن مۇنداق دېدى: «تېرىقچىلىق بازىسى كەنت ئاھالىلىرىنى كۈندىلىك باشقۇرغۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇخەلچەم ئەڭ مۇنەۋۋەر، ھازىر ئۇ شال تېرىقچىلىق پەرۋىشىنىڭ پۈتۈن يۈرۈشلۈك مەشغۇلات تەرتىپىنى مۇستەقىل تاماملىيالايدۇ».
بۇخەلچەم پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر مەن 300 مو شال ئېتىزىنى باشقۇرالايمەن، ھەر ئايدا 5600 يۈەن مائاش ئالىمەن، كەنت بويىچە ئاياللار ئىچىدە مائاشىم ئەڭ يۇقىرى. پۇل تاپقاندىن كېيىن ئۆيۈمنى قايتىدىن بېزىدىم، تۇرمۇش شارائىتىم ياخشىلاندى، قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ماڭا ھەۋەس قىلىشىدۇ».
ھازىر، ئۇ دائىم مەيدىسىگە «شورغا چىداملىق شال تەتقىقات مەركىزى» دەپ يېزىلغان كۆك رەڭلىك كىيىمنى كىيىۋالىدۇ. «خىزمەت قىلغاندا فورما كىيىش كېرەك، مېنىڭچە بۇ بىر خىل شەرەپ».
بۇخەلچەم كېلەر يىلى شورغا چىداملىق شال تەتقىقات ئورنىنىڭ رەسمىي خىزمەتچىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «كېلەر يىلى سەنيا ۋە چىڭداۋدىكى شورغا چىداملىق شال ئۆستۈرۈش بازىسىغا بېرىپ، دېڭىزنى كۆرۈشۈم مۇمكىن».