تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

نامرات كەنت ساياھەت ئىستىراھەت كەنتىگە ئايلاندى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلار چىن جىنلى، ۋاڭجوۋ، ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ جىنرۇي فوتوسى، خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئارال بازىرى قاراڭغۇ توقاي كەنتىدە، كەنت ئاھالىسى كەرىمە ئالپىس ئاشخانا ئۆيىدە ئالدىراش بولۇپ كەتتى، باشقا يېزا-بازارلاردا ئولتۇرۇشلۇق بىر نەچچە تۇغقىنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ كەلگەنىدى، ئۇ مول داستىخان تەييارلىشى كېرەك ئىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئۇ بۇ ئازادە ھەم چىرايلىق ئۆيگە كۆچۈپ كىرگەندىن بۇيان، ھېيت-بايراملاردا ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ جەم بولۇش ئۇرۇق ـ تۇغقانلارنىڭ ئادىتىگە ئايلانغان ئىدى. «ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئۆيۈمنى بەك ياخشى كۆرىدۇ!» دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ.

راھەت، ئازادە ئاھالىلەر تۇرالغۇسى.

ئاق فار-فۇر خىش چاپلانغان ئاشخانا رەتلىك، پاكىز بولۇپ، ئاشخانا سايمانلىرى يېپيېڭى؛ گاز ئوچاق، سۇ تۇرۇبىسى، ئەۋرەز تۇرۇبىسى تولۇق؛ ئازادە مېھمانخانا، ئۈچ ياتاق ئۆينىڭ ھەممىسى كۆركەم بېزەلگەن؛ ھويلىدا، سېمونت چىغىر يولى بىلەن رەتلىك ئايرىلغان كۆكتات چۆنىكى، شاخلارغا پاتماي چۈشۈپ كەتكەن قىزىل، يېشىل كۆكتاتلار بىلەن تولغانىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى كەرىمەنى چىن كۆڭلىدىن خۇشال قىلدى. ئۇنى تېخىمۇ ئازادە ھېس قىلدۇرغىنى، پۈتۈن كەنت ناھايىتى چىرايلىق ئىدى، تەكشى، كەڭ سېمونت يول، يول بويىدىكى رەڭگارەڭ گۈللەر، چىرايلىق تۇرالغۇ بىنالىرى رەتلىك تىزىلغان... «ھۆكۈمەتنىڭ ماڭا چىرايلىق ئۆي بەرگىنىگە رەھمەت!» دېدى ئۇ.

كەرىمەنىڭ يېڭى ئۆيى قاراڭغۇ توقاي كەنتىدىكى يۈزگە يېقىن يېڭى ئۆينىڭ بىرى. 2018-يىلدىن باشلاپ، چىڭگىل ناھىيەسى قاراڭغۇ توقاي كەنتىنى «گۈزەل يېزا-كەنت» قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا ئاھالىلەر رايونىدىكى بارلىق قۇرۇلۇشلارنى تاماملىدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇھىتىمىز گۈزەللەشتى، ئۇل ئەسلىھەلىرىمىز مۇكەممەللەشتى، كۈنلىرىمىز تېخىمۇ بەختكە تولدى، دېيىشتى.

قاراڭغۇ توقاي كەنتىنىڭ تولۇق كۆرۈنۈشى.

كەنت قىياپىتىنى تۈزەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى ياخشىلاش

ئىلگىرىكى قاراڭغۇ توقاي كەنتى پۈتۈن ناھىيە بويىچە چارۋىچىلىق نامرات كەنتى ئىدى. «ئىلگىرى بۇ يەردىكى ئۆيلەر كونا، يوللار تار، مۇھىت تازىلىقى ياخشى ئەمەس ئىدى، مەن بۇنداق چىرايلىق ئۆيدە ئولتۇرۇشۇمنى ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان!» دېدى كەرىمە ھاياجانلانغان ھالدا.

كەرىمەنىڭ ياخشى كۈنلىرى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش چىڭگىل تارماق قوماندانلىق ئىشتابى مەبلەغ سېلىپ يولغا قويغان ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەنىدى. خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش چىڭگىل تارماق قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ خىزمەتچى خادىمى شى لېي خېيلۇڭجياڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش تۈرىگە 17 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنغانلىقىنى، قاراڭغۇ توقاي كەنتىدىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ، كەنت قىياپىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تۈزىلىپ، ئاھالىلەر تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

كۈزدىكى سۈرەتتەك گۈزەل يېڭى كەنت.

بۇ قۇرۇلۇش ئاساسلىقى قاراڭغۇ توقاي كەنتىنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ھەمدە مەدەنىيەت پائالىيەت سورۇنى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. بۇنىڭ ئىچىدە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيدىن 32 يۈرۈش، قوشۇمچە ئىشلىتىلىدىغان ئۆيدىن 76 ئائىلىلىك سېلىندى، يەنە كۆمۈرخانا، يېڭى قوتان سېلىش، ئىككى ئورۇنلۇق ھاجەتخانا سېلىش، ھويلا-ئارانلاردىكى ئارا تام قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بار ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، 44 ئائىلىنىڭ كونا ئۆيى، يان ئۆيلىرى رېمونت قىلىندى ۋە تۇلياۋدا سۇۋالدى. ئاممىۋى ئۇل ئەسلىھە جەھەتتە، مەنزىرە راۋىقى قۇرۇش، پىيادىلەر يولىنى كۆكەرتىش مەنزىرىسى، گىرانىت تاش ياتقۇزۇش، بىتون رەڭلىك خىش ياتقۇزۇش قاتارلىقلار بار ئىدى. يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسى پىرىنسىپى بويىچە، قاراڭغۇ توقاي كەنتىنىڭ تۇرالغۇ، يول، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ، بۇلغىما چىقىرىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلدى.

يېزا يولىدا ئاممىۋى ئەسلىھەلەر تولۇق.

كەرىمە شۇنى ھېس قىلدىكى، ھازىر ئۇلارنىڭ «ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۈستى-بېشىنى توپا-چاڭ باسىدىغان، يامغۇرلۇق كۈنلەردە پاتقاق كېچىدىغان» كۈنلىرى ئاياغلىشىپلا قالماي، يەنە ئىشتىن سىرتقى مەدەنىيەت تۇرمۇشى موللىشىپ، رەڭدارلاشقانىدى، كەچلىك تاماقتىن كېيىن كۆپچىلىك بىلەن بىللە كىچىك مەيداندا ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيتىش، بوش ۋاقىتلىرىدا كەنتتىكى ئاچا-سىڭىللارنى گۈللۈكتە گۈل تاماشا قىلىشقا تەكلىپ قىلىش، چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلغان يەردە بەدەن چېنىقتۇرۇش كەرىمەنىڭ تۇرمۇش نورمال ھالىتى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋىلايەت ياكى ناھىيە تەشكىللىگەن «مەيدان مەدەنىيەت پائالىيىتى»، «يېزا-كەنت 100 كۈنلۈك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى مۇسابىقىسى»، مەدەنىيەتنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش قاتارلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ، كەنتكە كېلىپ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلىنىپ، ئۇنىڭغا تۇرمۇشنىڭ ناھايىتى مەنىلىك ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

ھويلا-ئاران ئىگىلىكى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ كىرىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1000 يۈەندىن ئارتۇق ئاشتى

كەنت چىڭگىل لاڭشەن تېغى مەنزىرە رايونى ۋە دولانا دەرىخى ئۆرپ-ئادەت باغچىسىغا يېقىن بولغاچقا، كەرىمە ئىككى ئېغىز ئۆينى ئاجرىتىپ پۇقراۋى قونالغۇ ۋە چارۋىچىلار ئارامگاھى ئاچتى، «كەنت چىرايلىق بولۇپ كەتتى، مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەر كەنتكە كېلىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، بىزنىڭ تىجارىتىمىزمۇ كۈندىن-كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ.» بۇ يىل 18 ئائىلىلىك چارۋىچى كەنتتە ئارق-ئارقىدىن چارۋىچىلار ئارامگاھى ۋە پۇقراۋى قونالغۇ ئاچتى، ياز كىرگەندىن بۇيان، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. مۇكەممەل بولغان ساياھەت، ئىستىراھەت ئەسلىھەلىرى، مەززىلىك خاس تائاملار قاراڭغۇ توقاي كەنتىنى ناھايىتى تېزلا چىڭگىل ناھىيەسىدىكى داڭلىق ساياھەت، ئىستىراھەت كەنتىگە ئايلاندۇردى. ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ياخشىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇرتىغا بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ئۇرغۇدى، كۆپچىلىك كەنتنى ئاڭلىق ئاسرىدى.

ئولتۇراق رايون بىلەن باقمىچىلىق رايونى ئايرىلىپ، تۇرمۇش مۇھىتى تېخىمۇ پاكىزلاندى.

كەنت ئاھالىلىرى خاتىرجەم تۇرىدىغان بولدى، لېكىن كۆپچىلىكنىڭ خاتىرجەم تۇرۇشى ئۈچۈن، ئىشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشتىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇشقا يار-يۆلەك بولدى، يەنە مەبلەغ چىقىرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بەردى. بۇ يىل ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن كەنتتىكى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1000 يۈەندىن ئاشتى.

«كۆپچىلىكنىڭ تەبەسسۇمى بارغانسېرى كۆپەيدى، قوشنىلار ئارا تېخىمۇ ئىناق ئۆتۈۋاتىمىز، كۈنلىرىمىز قۇياش نۇرىغا تولغاندەك ھېس قىلىۋاتىمىز!» دېدى كەرىمە كۈلۈپ تۇرۇپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى