تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ تاقالدى قاتناش باشلىنىش ۋاقتى ۋاقتىنچە كېلەر يېڭى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر گو لىڭ) ھاۋا رايى تەسىرىدە، ئۆلكە يولى 237-لىنىيەسى غۇلجا-موڭغۇلكۈرە K47-K83(نۇراخۇن-موڭغۇلكۈرە)يول بۆلىكى قاتناش شارائىتى يار بەرمىگەچكە، 10-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ تاقالدى، قاتناش باشلىنىش ۋاقتى ۋاقتىنچە 2021-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنىگە بېكىتىلدى.

  غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىنىڭ نۇراخۇن-موڭغۇلكۈرە بۆلىكى تاغ ئېدىرلىق رايونىدىكى يول بۆلىكى بولۇپ، يول ئەھۋالى مۇرەككەپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3200 كىلومېتىر، ئەگىم كۆپ، يانتۇلۇقلار تىك، قىسمەن يول بۆلەكلىرى تىك يار يول بۆلىكى بولۇپ، قىشتا قار ۋە قار كۆچكۈنى قاتارلىق ئاپەتلەر يۈز بېرىدۇ، تاغلىق رايون بۆلىكىدە قار بالدۇر ياغقاچقا، 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ بۇ يول بۆلىكى مۇز تۇتۇشقا باشلىغان، شۇڭا قاتناش شارائىتى يار بەرمىگەن.

  «كىچىك مايتاغ-كۇچا تاشيولى» دەپ نامى بار ئۆلكە يولى 237-لىنىيەسىدىكى غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن چوقۇم تاللايدىغان يولى، لىنىيە بويىدا ئۇيسۇن تېغىنىڭ ئۈستىدىكى ھاڭگېرت داۋىنىدىن (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3000+مېتىر) ئۆتىدۇ، يول خەتەرلىك بولسىمۇ، لېكىن يول بويىنىڭ مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، خۇددى ئاق بۇلۇتلار ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتكەندەك بىلىنىدۇ. يول بۆلىكىنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 120 كىلومېتىر، بۇنىڭ ئىچىدە 47 كىلومېتىردىن 83 كىلومېتىرغىچە بولغان جاي چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئاقتاش چوققىسى تاغلىق رايونى يول بۆلىكى بولۇپ، يول ئەھۋالى مۇرەككەپ، ئەتراپىدا دەريا، قىيا، 140تىن ئارتۇق ئەگىم بار، كۆپىنچىسى جىددىي ئەگىم ۋە تىك ئەگىم، ئالاھىدە يول ئەھۋالى تۈپەيلىدىن بۇ تاشيولدا پەقەت ھەر يىلى 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئايغىچىلا قاتناشقا بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى