تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9- نۆۋەتلىك كومىتېتى 10- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 3-قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش توغرىسىدىكى قارارى»قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى

10 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

10 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. سۈرەتتە: يىغىن مەيدانى. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى.

يىغىندا 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، چېن چۈەنگونىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 - نۆۋەتلىك كومىتېتى 10 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

شۆھرەت زاكىر، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، لى يىفېي، سارقىت ئاقان، ياڭ شىن، جاڭ چۇنلىن، ۋاڭ مىڭشەن قاتارلىقلار قاتناشتى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشان - ۋەزىپىلىرىنى چىڭ كۆزلەپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلىدى، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى، تۈرلۈك ئىشلار ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەپ، جەمئىيەت مۇقىم، خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. ئەمەلىيەت يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىپ، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدىن يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى، بۇ، ئىنتايىن مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە ئىنتايىن چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنىپ، ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەندى، ئەھۋال كۆزىتىلىپ، ۋەزىيەت مۆلچەرلىنىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت بىرتۇتاش پىلانلاندى، سۆزنىڭ ئىدىيەسى چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، 2 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى نەتىجىلەر تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى، شىنجاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت چوڭقۇر تەھلىل قىلىندى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى سىستېمىلىق شەرھلەندى، ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، نىشان - ۋەزىپىلىرى، فاڭجېن - سىياسەتلىرى، ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە، نەزەرىيەۋىلىككە، يېتەكچىلىككە، قاراتمىلىققا ئىگە بولۇپ، ماركسىزم ھەقىقىتىنىڭ نۇرى جۇلالىنىپ تۇرىدۇ، ئۇ شىنجاڭ خىزمىتىدە توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ھەقىقىي تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي، كەسكىن ھالدا ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىغا، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتكە تۈرتكە بولۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقى بىلەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا كەڭ تارقىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. روھىي ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلار بىر قەدەم ئالدىدا ئۆگىنىپ، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىپ، دائىملاشقان ئۆگىنىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپىسى) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى، مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەتكە باغلاپ ئۆگىنىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبلەرگە سىڭىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. كەڭ تەشۋىق قىلىش، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات تارماقلىرى ۋە ئاخبارات تاراتقۇلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، توردىكى، تور سىرتىدىكى تۈرلۈك بايلىقتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يىغىن روھىنى كۆپ يول بىلەن، ھەر تەرەپلىمە خەۋەر قىلىپ، لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى قاتلامغا ئايرىپ، تۈرگە ئايرىپ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئامما ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان تىل، ياقتۇرىدىغان شەكىلدىن پايدىلىنىپ، مەركەزنىڭ روھىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈپ، ئاممىغا تەشۋىق قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈشى كېرەك. ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىگە بىرلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ماددىمۇ ماددا، تۈرمۇتۈر ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارچىلاپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي نەتىجە - ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى كاپالەت قىلىپ، ئۇزاق كەلگۈسى پىلان ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىپ، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى كۆپرەك قوللىنىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. بىرىنچىدىن، دائىملاشقان ئۆگىنىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىكمە مۇشتنى ياخشى ئېتىپ، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قانۇنچىللىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى تەربىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك رايوننى پائال بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلەرنى قانۇن بويىچە قوغداپ، نورمال دىنىي ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ، دىننىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى خىزمەتلەرنى چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىپ، ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك. ئالتىنچىدىن، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش بىلەن بەرپا قىلىشنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. يەتتىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېببىي داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش كېرەك. سەككىزىنچىدىن، بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، قەتئىي تەۋرەنمەي جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشى، بىڭتۇەننىڭ تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى، ئالاھىدە رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاش كېرەك. توققۇزىنچىدىن، پارتىيەنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى - پاكلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، يېڭى دەۋردە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسى بولمىغان ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.