تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سانى سىجىل ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى چۇنشيا خەۋەر قىلىدۇ: «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتتى، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سانى سىجىل ئاشتى، تېخىمۇ كۆپ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2016 - يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 2017 - يىلى 2 مىليون 750 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 2018 - يىلى 2 مىليون 805 مىڭ ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 2019 - يىلى 2 مىليون 873 مىڭ 500 ئادەم قېتىم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

«13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز دىققەتنى ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش، تەرتىپلىك ھالدا شەھەرگە كىرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر - يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئېغىر نامرات رايونلاردا ئۈچ يىلدا 100 مىڭ ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش يىرىك پىلانىنى تەشكىللەپ يولغا قويدى.

2017 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە، قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر - يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن ئۈچ يىلدا 100 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانى 135 مىڭ ئادەمنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. 2018 - يىلىدىن 2020 - يىلى 6 - ئايغىچە، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئېغىر نامرات رايونلىرىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىدىكى جەمئىي 210 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2014 - يىلىدىن بۇيان، دۆلەت شىنجاڭنىڭ توقۇمىچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، 2017 - يىلىدىن 2019 - يىلىغىچە پۈتۈن شىنجاڭدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسپىدە 350 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى.

تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز تۈرلۈك چارە - ئاماللارنى قوللىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «كەنت قۇرغان زاۋۇت»، «نامراتلارنى يۆلەش سېخى» بەرپا قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا قوبۇل قىلىپ، يېزىلاردىكى ئەمگەك - مۇلازىمەت ھەمكارلىق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىغا يار - يۆلەك بولدى، كەسىپ(سانائەت)لەر باغچە رايونلىرىدا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە شىنجاڭ ئىچىدە رايون ھالقىپ يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىچكىرى رايونلاردىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتى. «13 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، زورايتىپ، ئەمگەك كۈچلىرىنى 3 - كەسىپكە تەرتىپلىك يۆتكىلىشكە يېتەكلىدى. 2019 - يىلى 3 - كەسىپ ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان كەسىپكە ئايلاندى، بارغانسېرى كۆپ يېزا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى شەھەر - بازارلارغا يۆتكەلدى، شەھەر - بازارلارنىڭ قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى يەنىمۇ كۈچەيدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونى: تۇنجى قار 30 مىڭ مو توغراقلىقنى بېزىدى
  • شىنجاڭ ئارشاڭ: چارۋىچىلارنىڭ رايون ھالقىپ كۆچۈشى
  • ماناس ناھىيەسى دۇڭمەيدى كەنتى كەنت كوللېكتىپ بايلىقى، مۈلكى، مەبلىغىنى جانلاندۇردى