تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«بۇلۇت» كەسىپلەرنى توپلاشتۇرۇپ كەلگۈسىگە يۈزلەندۈردى

− قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىغا زىيارەت

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى ليۇ شياڭ، ۋاڭ يۇڭفېي

ئاپئاق بۇلۇتقا ئالاھىدە مۇھىتتا قۇياش نۇرى چېچىلسا، ھەر خىل رەڭدە تۈس ئېلىپ، پۈتۈن ئاسماننى گۈزەللەشتۈرىدۇ.

قارامايدىمۇ مۇشۇنداق بىر «تۈس بېرەلەيدىغان» «بۇلۇت» بولۇپ، «ئۇ» ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان كۆرۈنۈشلەر، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان كۆرۈش سېزىمى زىياپىتىگە ئايلىنىدۇ.

9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىغا جايلاشقان جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى (شىنجاڭ) بۇلۇت ھېسابلاش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى كىنو - تېلېۋىزىيە، كارتون فىلىم تۈس بېرىش بازىسى»نىڭ ئاپپارات ئۆيىدە، نەچچە يۈزلىگەن تۈس بېرىش ئۈسكۈنىسىدىن غوڭۇلداپ ئاۋاز چىقىۋاتاتتى، كۆرسەتكۈچ چىراغلىرى توختىماستىن يېنىپ تۇراتتى.

تۈس بېرىش جەريانى قارىماققا ئادەتتىكىدەك كۆرۈنسىمۇ، كىنو - تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىنى ئىشلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى فىلىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تەسۋىر ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولۇش - بولماسلىقىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

«ئارتىسلار ئادەتتە يېشىل پەردە ياكى كۆك پەردىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ رول ئالىدۇ، كېيىنكى باسقۇچتىكى فىلىم ئىشلەش جەريانىدا، بىز تۈس بېرىپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، <پارتلاش> خاراكتېرلىك كۆرۈش سېزىمى ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلالايمىز.» شىنجاڭ يۈنبيەن تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋۇ شىكەي مۇنداق دېدى: قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىنىڭ غايەت زور ھېسابلاش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، شىركەت «شادىمان جاھانكەزگۈچىلەر»، «سەيئېرخاۋ» قاتارلىق كىنو ۋە كارتونلارغا تۈس بېرىپ ئىشلەشكە مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتناشتى.

ئۈچ يىلغا يېقىن تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە، قاراماي يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى كىنو - تېلېۋىزىيە، كارتون فىلىم تۈس بېرىش بازىسىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، لەنخەيتۇڭشياڭ، ئەيتېخەيپۇ، سۇشياڭ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى كۆپلىگەن داڭلىق كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرى تۈس بېرىش كارخانىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگۈزدى، يۈنبيەن تورى كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ دەسلەپكى ماتېرىيال ئامبىرى قۇردى ھەم قاراماي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە تايىنىپ كىنو - تېلېۋىزىيە، كارتون فىلىملىرىگە تۈس بېرىش ئىختىساسلىقلىرىنى ئەمەلىي مەشىقلەندۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئۇدا ئىككى يىل ئەمەلىي مەشىقلەندۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

ھازىرغا قەدەر، تۈس بېرىش بازىسىدىكى تۈس بەرگۈچى توپلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنە 5000دىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يەككە ھالەتتىكى ئەڭ چوڭ تۈس بېرىش بازىسىغا ئايلاندى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا، قاراماي تۈس بېرىش بازىسىدىكى تۈس بەرگۈچى توپلاشتۇرۇلغان ئۈسكۈنە توپىنىڭ تۈگۈن نۇقتىسى 8000دىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تۈس بېرىش بازىسىغا ئايلىنىدىكەن.

«تۈس بېرىش بۇلۇتى»، قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىدىكى «بۇلۇت دېڭىزى» ئىچىدىكى پەقەت «بىر پارچىسى». سانلىق مەلۇمات يۈكلەنگەن پارچە - پارچە بۇلۇتلار، نۇرغۇن كەسىپلەرنىڭ ئاستا - ئاستا ئۆزگىرىشىدىكى كاتالىزاتورغا ئايلانماقتا.

شىنجاڭ چىسېخۇا ئۇچۇر پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپى بويىچە يۇمشاق ماتېرىيال ئېچىش، زاكاز قىلىش بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىدىغان ھەمدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بۇلۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا بولۇپ، 2017 - يىلى باغچە رايونىغا ماكانلاشقان. شۇ يىلى، شىركەت قەغەزسىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىنى تورغا چىقاردى ھەم پۈتۈن شىنجاڭدا قوللىنىشنى كېڭەيتتى.

«قارامايدا، تاللا بازارلىرىغا بېرىپ گۆش سېتىۋېلىشتا، ئىككىلىك كودى بار گۆش مەھسۇلاتلىرى چوقۇم ئىستېمالچىلارنىڭ ئالدىن تاللىشى بولىدۇ.» شىنجاڭ چىسېخۇا ئۇچۇر پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى تاۋ تاۋ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككىلىك كود بىز تەتقىق قىلىپ ئاچقان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بولۇپ، ئىستېمالچىلار <سىكاننېر>لىسىلا، گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ بېقىلىش، سويۇلۇش، پىششىقلىنىش، ساقلىنىش، سېتىلىش قاتارلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈپ تەكشۈرەلەيدۇ، يېگەندە تېخىمۇ خاتىرجەم بولىدۇ».

يۇقۇم مەزگىلىدە، تاۋ تاۋ كوللېكتىپى قەغەزسىز يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، گۆش مەھسۇلاتلىرىنى سۈرۈشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى سىستېمىنى ئاساس قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلىق چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسىنى قۇرۇپ، ھەرقايسى ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىشچان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، يەنە يۇقۇمدىن كېيىن چارۋىچىلىق ساھەسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ياخشى ئاساس سالدى.

كېيىنكى قەدەمدە، بۇ شىركەت يەنە چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ چارۋىچىلىق ساھەسىدە قوللىنىلىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېڭەيتىپ، «چارۋىچىلىق بۇلۇتى»نىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى سىجىل ئاچىدۇ.

نۆۋەتتە، قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسىپلەر باغچە رايونىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خۇاۋېي بۇلۇت مۇلازىمەت سانلىق مەلۇمات مەركىزى، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى سانلىق مەلۇمات مەركىزى (قاراماي)، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى (شىنجاڭ) سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى قۇرۇلدى ھەم كەينى - كەينىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، لايىھەدىكى كۆلىمى 20 مىڭ ئاپپارات ئىشكاپى بولۇپ، پۈتكەن كۆلىمى 9000 ئاپپارات ئىشكاپىغا يېتىپ، سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ كۆلىمى ۋە ئىقتىدارى غەربىي شىمال بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى لىنىيەسى بويىدىكى شەھەرلەرنى بۇلۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى. باغچە رايونىغا 80دىن ئارتۇق كەسپىي كارخانا (تۈر) توپلاشقان بولۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىش ئېففېكتى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

«بۇلۇت»قا چىقىپ يۇقىرى ئۆرلىگەندە، كەلگۈسىدىن ئۈمىد بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، باغچە رايونى يەنە ئۇل ئەسلىھە ۋە يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھە سېلىنمىسى ۋە قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق زورايتىپ، كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى كېڭەيتىدۇ؛ بۇلۇت ھېسابلاش چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىنى داۋاملىق زورايتىپ، كۈچەيتىپ، سانائەت ئالاقە تورى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى