تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ نامرات كەنتلىرىدىكى ياشلارنىڭ «يېڭى تىرىكچىلىك يولى»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گاۋ خەن، خۇ خۇخۇ

جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست دۆلىتىمىزنىڭ «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»ىدىكى ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ بىرى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ناچار، ئىقتىسادىي ئاساسى ئاجىز، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە كۆتۈرۈش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە يېتەرسىز بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش يولىدىكى يېڭىش ئەڭ قىيىن بولغان «قاتتىق قىيىنچىلىق». يېقىندا، مۇخبىرلار شىنجاڭدىكى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن ئون نامرات ناھىيەنىڭ قىسمەن نامرات كەنتلىرىگە بېرىپ، يېزا ياشلىرىنىڭ ئەمدى لاغايلاپ يۈرىدىغان ئىشسىز بىكارچىلاردىن ئەمەسلىكىنى كۆردى، ئۇلار ھاياتىي كۈچكە، غەيرەت - شىجائەتكە تولغان بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلانغانىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىدىيەسى ئۆزگەرگەن، پۇل تاپىدىغان تىرىكچىلىك يوللىرىمۇ كۆپەيگەن بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشى تېخىمۇ ئاسانلاشقانىدى.

ياڭاق ماكانىدىكى «يېڭى» خادىملار

ھەر يىلى 9 - ئايدا، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» ياڭاق ئايرىغۇچى بۇمەريەم ئۆمەر تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتەتتى.

بۇمەريەم ئۆمەر قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ياڭاق سودا مەركىزىدە ئىشلەيدۇ. ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ 580 مىڭ مو يېرىدىكى ياڭاقلار ئۈزۈپ يىغىۋېلىش پەسلىگە كىرگەن بولۇپ، سودا مەركىزىدە ياڭاقلار تاغدەك دۆۋىلىنىپ كەتكەنىدى.

قاغىلىق ناھىيەسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن سېتىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ياڭاق سودا مەركىزىنىڭ ئايرىش سېخىدا، تاغدەك دۆۋىلەنگەن ياڭاقلارنىڭ پوستى سويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئىشچىلار پوست ئايرىش ماشىنىسىدا پوستى سويۇلغان ياڭاقلارنى ئىلغاۋاتاتتى. ماشىنىنىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، بۇمەريەم ئۆمەر ئۈنلۈك ئاۋازدا مۇنداق دېدى: «ياڭاقنىڭ پوستى ئاساسلىقى ماشىنىدا سويۇلىدۇ، مەن پوستى تولۇق سويۇلمىغان ياڭاقلارنى ئىلغىساملا بولىدۇ، ھەر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق مائاش ئالالايمەن».

دېھقاندىن كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلانغان بۇمەريەم ئۆمەر مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «تۇرمۇشىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ھازىر مەن پەقەت تىرىشىپ ئىشلەپ پۇل تېپىپ، ئائىلەمدىكىلەرنى تېخىمۇ ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشنىلا ئويلايمەن».

قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ «ياڭاق ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىكنىڭ ياڭاق تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشى نەتىجىسىدە، ياڭاق شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، بۇمەريەم ئۆمەرگە ئوخشاش ئىلگىرى ياڭاق ئۆستۈرۈشكە تايىنىپ ئازغىنە كىرىم قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ دېھقان ھازىر كەسىپ ئىشچىلىرىغا ئايلىنىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى.

نان شەھىرىدىكى يېڭى «ناۋايلار»

بۇلتۇر 12 - ئايدا دوستىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن، «90 - يىللاردا تۇغۇلغان» ئابدۇغېنى ھىمام ئىشىك ئالدىدا ئېچىلغان نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتى.

تونۇرنىڭ ئالدىغا كەلسىلا، ئابدۇغېنى ھىمام خۇددى باشقا بىر كىشىگە ئۆزگىرىپ قالغاندەك، دەرھال «ناۋاي»غا ئايلىنىپ خىزمەتكە كىرىشىپ كېتەتتى.

ئۇ خېمىرنى يۇمىلاق ئېچىپ، خۇددى «ئويمانلىق»قا ئوخشاش راسلانغان نان ئۈستىگە كۈنجۈت سەپتى، ئۇنىڭدىن كېيىن راسلانغان ناننىڭ كەينىگە ئازراق تۇز سۈيى چېچىپ، تونۇر قىزىپ 250 سېلسىيە گىرادۇستىن 300 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەندىن كېيىن، تونۇرغا ئېڭىشكىنىچە، قولىنى تونۇرغا تىقىپ، راسلانغان نانلارنى تونۇرغا بىر - بىرلەپ ياقتى.

دەم ئېلىش ئارىلىقىدا، تونۇرغا يېقىلغان ئاپئاق نانلارنىڭ گىرۋەكلىرى تەدرىجىي قىزىرىشقا باشلىدى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نانلار ئاستا - ئاستا كۆپتى، بۇ چاغدا تونۇردىن چىققان مەززىلىك پۇراق دىماققا ئۇرۇلدى − نان پىشقانىدى.

تونۇرنىڭ قەلەي قاپقىقى ئېچىلدى، چۆرىسىدىن ئىچىگە قاراپ تەدرىجىي كۆپۈپ قىزىرىپ پىشقان نانلار كۆرۈندى، ئۇ ئىلمەك تۆمۈر بىلەن نانلارنى سويدى، نانلار ئاستا - ئاستا ئۈستەل ئۈستىگە «تاغ»دەك دۆۋىلەندى.

ئىس - تۈتەك چىقىپ تۇرىدىغان توپا تونۇردىن زامانىۋى ئۆلچەملىك توك - گاز تونۇرغىچە، ئابدۇغېنى ھىمامنىڭ گەرچە ئۇزاق يىللىق ناۋايلىق تەجرىبىسى بولسىمۇ، ئەنئەنىۋى ناۋايلىق ھۈنىرى بۈگۈنكى كۈندىكى زاۋۇتلاشقان، ئاقما لىنىيەلىك مەشغۇلاتقا دۇچ كەلگەندە، سەل «كۆنەلمىگەندەك» قىلاتتى.

ئابدۇغېنى ھىمام مۇنداق دېدى: «دەسلەپكى چاغلاردا، تونۇرنىڭ ھارارىتىنى ئوبدان تەڭشىيەلمىدىم، توك بىلەن قىزىتىش ئوتۇن بىلەن قىزىتىشقا ئوخشىمايدىكەن، نانلار دائىم كۆيۈپ كەتكەچكە، سۈپەتكە توشمايدىغان نان كۆپرەك چىقاتتى».

ياشلارنىڭ ئۆگىنىشى تېز، ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغاچقا، ئابدۇغېنى ھىمامنىڭ شاگىرت تەربىيەلىيەلەيدىغان نان يېقىش ئۇستىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىغا بىر ئايمۇ ۋاقىت كەتمىدى.

ئابدۇغېنى ھىمام مۇنداق دېدى: «بىر ئايدا مۇقىم كىرىمىم 4000 يۈەندىن ئاشىدۇ، يىل ئاخىرىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، كېلەر يىلى تىرىشىپ ئاپتوموبىل سېتىۋالىمەن».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەيزاۋات ناھىيەسى نانچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا ھازىر 50 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلە نان يېقىشقا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغان.

«2000 - يىللاردا تۇغۇلغان» مال تونۇشتۇرغۇچى «گۈلى»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مال تونۇشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن، 18 ياشلىق نۇرىمانگۈل تۇرسۇنجان كەنتتە ئاز - تولا نامى بار شەخسكە ئايلاندى.

نۇرىمانگۈل لوپ ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن، خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن سەككىز كىشى ئىچىدىن تاللىنىپ چىقىپ، ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى كەسىپلەر باغچىسىدىكى «لولەنگۈل» كوللېكتىپىغا كىرىپ ئىشلىدى.

ئۇ ۋە ھەمراھلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تور سۇپىسىدا نۆۋەتلىشىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، لوپ ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش سېخلىرى ۋە دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كېڭەيتىش ھەم پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا مال ئەۋەتىش، سېتىش ئىدى.

لوپ ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى قالپىقى ئېلىۋېتىلمىگەن بەش نامرات ناھىيەنىڭ بىرى. بۇ جاي خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش ئارقىلىق، شىئەندىن كەلگەن ئۆمەكنى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئىشلىرى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ تىجارىتىگە مەسئۇل بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

ئۆمەك مەسئۇلى گو رۈنزې مۇنداق تونۇشتۇردى: خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش جەريانىدا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن ياشلارغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىمىز. بۇ نۇرىمانگۈلگە ئوخشاش ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرگە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

خىزمەتكە قاتناشقاندىن باشلاپ، نۇرىمانگۈل كەسپىي ئوقۇتقۇچىغا ئەگىشىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا بىۋاسىتە كۆرسىتىشىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى ئۆگەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە پۇتۇڭخۇا مەشىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. نۇرىمانگۈل ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «4 - ئايدا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى باشلىغاندا، خىجىل بولغاچقا، بىز تېخى ئۆيگە مۆكۈۋېلىپ، پەردىنى يېپىۋالاتتۇق.» مۇخبىرلار زىيارەتكە كەلگەندە، ئۇ كامېرا ئالدىدا ئۆزىنى قويۇۋېتىپ ئۇسسۇل ئويناۋاتقانىدى ھەم شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان قىزىلگۈل چېيىنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە سۆزلەپ تونۇشتۇرۇۋاتقانىدى، زالدا ئۇياق - بۇياققا ئۆتۈۋاتقانلار ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قىلچە تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى.

جۇغراپىيەلىك ئورۇننىڭ قولايسىزلىقى ئۇنىڭ ئارزۇسىغا بولغان قىزغىنلىقىنى سۇسلىتالمىدى. «كىچىكىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، خوتەن شەھىرى مەن بېرىپ باققان ئەڭ چوڭ شەھەر.» نۇرىمانگۈل كۈلۈمسىرەپ مۇنداق دېدى: «لېكىن بىز ھازىر سېتىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى گۇاڭجوۋغىچە يېتىپ باردى.» ئورتاق تىرىشىش نەتىجىسىدە، ئۇ تۇرۇشلۇق كوللېكتىپنىڭ مال ئەۋەتىش مىقدارى ھازىر كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 250 زاكاز ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ دىققەتنى ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق كىشىلەر توپى ۋە ئېغىر نامرات رايونلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى سىجىل زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى پائال كېڭەيتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ كۈرەش قىلىش يولىدا، نۇرىمانگۈلگە ئوخشاش ياشلار تاشقى دۇنياغا قارىتا يېڭى تونۇشقا ئىگە بولدى، شۇنداقلا «يېڭى تىرىكچىلىك يولى» بار بولدى، ئۇلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە يۇرتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياشلىق كۈچىنى تەقدىم قىلماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • جۇڭگو موڭغۇلىيەنىڭ 30 مىڭ تۇياق «ئىئانە قويى»نى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى قەشقەر يولىنى شەرققە ئۇزارتىش 1-قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، ئاي ئاخىرىدا قاتناش باشلىنىش پىلانلاندى
  • شىنجاڭ كورلا: كۈز مەنزىرىسى بىلەن پۈركەنگەن «قاقاس تاغ»