تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يوپۇقسىز كېۋەزنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى دەسلەپكى قەدەمدە پىشىپ يېتىلدى

62 مو ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىكى چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 345.3 كىلوگىرامغا يەتتى

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرلىرى جياڭ شياۋجۈن، چېن گودۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرىدىن كاڭ شاۋجۇڭ، يۈ شۇشۈن، لى پېيۋۇ قاتارلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار تارىم داشۆسىنىڭ يوپۇقسىز كېۋەز ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. بۇ 62 مو يوپۇقسىز كېۋەزلىكنىڭ ھەر مو يەردىكى كېۋەز تۈپى 12 مىڭ 633 تۈپكە، چىگىتلىك پاختىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 345.3 كىلوگىرامغا يەتكەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يوپۇقسىز كېۋەزنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە پىشىپ يېتىلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى پاختىكارلار سولياۋ يوپۇقنى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئاچقاندىن كېيىن ياكى ماشىنىلاشتۇرۇپ يىغىۋالغاندىن كېيىن، پاختىچىلىق رايونلىرىنىڭ تۇپرىقىدىكى سولياۋ يوپۇقنىڭ يىللىق قالدۇق نىسبىتى يەنىلا %15 ئەتراپىدا بولغان. 2011 - يىلى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى يۈ شۇشۈن شىنجاڭدا يوپۇقسىز كېۋەز تېرىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باشلامچىلىق بىلەن بالدۇر پىشىدىغان، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرالايدىغان، شورغا چىداملىق يوپۇقسىز كېۋەز يېڭى سورتىنى تاللاپ يېتىشتۈرۈش، يۈرۈشلەشكەن تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە نەتىجىلىرىنى ئۈلگە كۆرسىتىش قاتارلىق ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغان. ئاكادېمىك يۈ شۇشۈن كوللېكتىپى يېتىشتۈرگەن يوپۇقسىز كېۋەز يېڭى سورتى «جۇڭ 619» نۆۋەتتە ئۈلگە كۆرسىتىش تەجرىبە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ھەم شىنجاڭدا يوپۇقسىز كېۋەز تېرىشقا ماس كېلىدىغان كېۋەز يېڭى سورت سىستېمىسى بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدا يوپۇقسىز شارائىتتا ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلى 120 كۈن، قىروۋ چۈشۈشتىن بۇرۇنقى چېچەكلەش نىسبىتى ≤%95 بولۇپ، مو بېشى ھوسۇلى 350 كىلوگىرامغا يەتكەن.

«جۇڭ 619» كۆپ يىل ئېتىزدا سىناق قىلىنىش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىلىش ئارقىلىق، يۈرۈشلەشكەن ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى دەسلەپكى قەدەمدە پىشىپ يېتىلدى، بۇنىڭ كەڭ كۆلەمدە ئۈلگە كۆرسىتىشى شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى يول ئېچىپ بەردى.

بۇ يىل، تارىم داشۆسى ئۆسۈملۈك ئىلمى شۆيۈەنى «جۇڭ 619» كېۋەز سورتىنى سىناق تەرىقىسىدە تېرىش ۋە يوپۇقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى توپلاشتۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كېۋەزنى يوپۇقسىز ئۆستۈرۈشتە «بىر قېتىم تېرىپلا تولۇق مايسا يېتىشتۈرۈش» ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېۋەزنىڭ سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق بولۇشتەك فىزىيولوگىيەلىك مېخانىزمىنى ئېچىپ بېرىپ، كېۋەزنى يوپۇقسىز ئۆستۈرۈش تېخنىكا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پاختىچىلىق كەسپىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى نەزەرىيە ئاساسى ۋە تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى