تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

دېھقان ئائىلىلىرى ساتقان سەبدەرگۈل نەق مەيداندا نەق پۇلغا ئايلاندى

9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىسى كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىسىدىكى خوتەن چېنگۇاڭ بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىدە سەبدەرگۈل ساتماقتا. (شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى جېڭ جو، ليۇ يى، زوۋ يى، جۇڭ جاۋفېڭ

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، كېرىيە ناھىيەسىدە سەبدەرگۈل يىغىۋېلىش خىزمىتى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. بۇ يىل كېرىيە ناھىيەسى بازارنى يېتەكچى، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى تايانچ قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، سەبدەرگۈل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلار بىلەن 50 مىڭ مولۇق تېرىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، كارخانا تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسى ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكى كەسىپلەر باغچىسىدا، ئەتراپتىكى ھەرقايسى كەنتلەردىن كەلگەن كەنت ئاھالىلىرى زاۋۇت رايونى سىرتىدا ئۆچرەتتە تۇرۇپ، ئۆزى تېرىغان سەبدەرگۈلنى سېتىشقا تەييارلاندى. ئېغىرلىقنى ئۆلچەپ بولغاندىن كېيىن، دېھقانلار سەبدەرگۈلنى زاۋۇتنىڭ ئېچىتىش كۆلچىكىگە تۆكۈپ، ئاندىن نەق مەيداندا ھېسابات قىلدى. سەبدەرگۈل نەق مەيداندا نەق پۇلغا ئايلىنىپ، بىۋاسىتە ھالدا دېھقانلارنىڭ يانچۇقىغا كىردى.

«بۇ يىل ئۈچ يېرىم مو يەرگە سەبدەرگۈل تېرىدىم، مۆلچەرىمچە 7000 يۈەنگە يېقىن كىرىم قىلىمەن.» كېرىيە ناھىيەسى توغراغاز يېزىسى توغراغاز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى سەلىمىخان تۇردى مۇنداق دېدى: شىركەت ئۇرۇق، ئوغۇت ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ، گۈلنى يىغىۋالغاندىن كېيىن ھەر ۋاقىت كارخانىغا ئېلىپ بېرىپ ساتقىلى بولىدۇ، كارخانا نەق پۇل بىلەن ھېساباتنى ئۈزىدۇ. غوجىئابدۇللا ئىسمايىل توغراغاز يېزىسىدىكى تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىسى بولۇپ، بۇ يىل پەقەت سەبدەرگۈل تېرىش تۈرىلا ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم يارىتىپ بېرەلەيدۇ.

خوتەن چېنگۇاڭ بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇل دىرېكتورى گۇڭ جيەنگاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز كېرىيە ناھىيەسىدە دېھقان ئائىلىلىرىنى سەبدەرگۈل تېرىشقا يېتەكلىدى، بۇ يىل ھازىرغىچە 30 مىڭ توننىدىن ئارتۇق ھوسۇل ئېلىنىپ، 3700 دىن ئارتۇق نامرات ئائىلىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدۇق.

تېرىش جەريانىدا، كارخانا تېخنىكا، ئۇرۇق ۋە ئوغۇت قاتارلىق ياردەملەر بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلىدى، دېھقان ئائىلىلىرى سەبدەرگۈلنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، كارخانىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىپ سېتىۋېلىشىغا تاپشۇرىدۇ. «بۇ يىل زاۋۇتىمىزنىڭ ھەر كىلوگىرامىنى سېتىۋېلىش باھاسى 0.85 يۈەن بولدى، نەق مەيداندا نەق پۇل بىلەن ھېسابات قىلدۇق، دېھقان ئائىلىلىرىدە قانچىلىك بار بولسا، شۇنچىلىك سېتىۋالىمىز» دېدى گۇڭ جيەنگاڭ.

سەبدەرگۈلنىڭ چېچەكلەش مەزگىلى بەش ئاي بولۇپ، يەتتە كۈندىن ئون كۈنگىچە بىر قېتىم ئۈزگىلى بولىدۇ. گۇڭ جيەنگاڭ ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ بەردى، ھەر مو يەردىكى سەبدەرگۈلگە كېتىدىغان ماتېرىيال خىراجىتى 320 يۈەن، ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتىنى 2.5 توننا بويىچە ھېسابلىغاندا، دېھقانلار سەبدەرگۈل سېتىپ 2125 يۈەن كىرىم قىلىدۇ، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر مو يەردىن قىلىنغان ساپ كىرىم 1805 يۈەن بولىدۇ. بۇلا ئەمەس، پىششىقلانغاندىن كېيىنكى سەبدەرگۈل «قالدۇق ماتېرىيالى»نى يەنە ئوغۇت قىلغىلى بولىدۇ، ئۈزگەندىن كېيىنكى سەبدەرگۈل غولىنى پىششىقلىغاندىن كېيىن چارۋىلارنىڭ يەم - خەشىكى قىلىشقا بولىدۇ، ھەربىر ھالقىدا سەبدەرگۈلدىن «تولۇق پايدىلىنىش»قا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

كارخانا ھەممىسىنى سېتىۋالغاچقا، كېرىيە ناھىيەسىدىكى دېھقانلارنىڭ تېرىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى.

توغراغاز يېزىسىنىڭ چاقا كەنتىدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران 0.8 مو بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەر %40 تىن ئاشىدۇ. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىنى سەبدەرگۈل كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەشنى قارار قىلدى. ھازىر كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدى - كەينىگە سەبدەرگۈل تېرىلدى، پۈتۈن كەنتتە تېرىلىش كۆلىمى 800 مودىن ئاشتى، بۇ يىل تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنىڭ 2000 يۈەن ئېشىشى مۆلچەرلەندى.

كېرىيە ناھىيەسى خوتەن ۋىلايىتىدىكى نامراتلىق قالپىقى تېخى ئېلىۋېتىلمىگەن بەش نامرات ناھىيەنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كېرىيە ناھىيەسى كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم تىرىكى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، بازار ئىستىقبالى ياخشى، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى روشەن، تەسىر كۆرسىتىپ، تۈرتكە بولۇش كۈچى كۈچلۈك كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى. 2020 - يىلى كېرىيە ناھىيەسى بىيو پەن - تېخنىكا كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈپ، «ھۆكۈمەت قوللاش+كارخانا مەبلەغ سېلىش+دېھقان ئائىلىلىرى قاتنىشىش» ئەندىزىسى ئارقىلىق، سەبدەرگۈل كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېرىشقا يېتەكلەپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

ئىگىلىنىشىچە، خوتەن چېنگۇاڭ بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى چەككىلەش سېخى قۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇرماقچى بولۇۋېتىپتۇ ھەم سەبدەرگۈل تېرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ نەپكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى پىلانلاۋېتىپتۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.