تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

ليەندۈي تېخىمۇ گۈزەللەشتى، تەرەققىيات ئىشەنچى يېتەرلىك

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چيۇڭ خەۋىرى): ئالتۇن كۈز مەزگىلىدە، 2-شى 223-تۇەن باغچىسى 2-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى خېلىل ئەخمەت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى يىلدا، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، نەچچە ئون يىل ئولتۇرغان كېسەك ئۆيىمىز يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئەمىن ئۆيگە ئايلاندى، ھويلىمىزغا يەر ئاستى ئۆيى سېلىندى، ئۆيلەرنىڭ ئالدى-كەينىگە كۆكتات تېرىلدى، گۈل ئۆستۈرۈلدى، يەنە ئۈزۈم بارىڭى ياساپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ياخشىلاندى، كۆڭلىمىز ناھايىتى ئازادە بولۇپ قالدى.»

2019-يىلى، 2-شى باشئەگىم شەھىرى 5 مىليون 100 مىڭ يۈەن ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش مەخسۇس مەبلىغى ئاجرىتىپ، 223-تۇەننىڭ باغچا 1-ليەنى، باغچا 2-ليەنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھويلا-ئاران، ھويلا تېمى، ھاجەتخانا قاتارلىق ئەسلىھەلىرىنى تۈزىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، باغچا 2-ليەننىڭ غەربىي تەۋەلىك رايونىدىكى ئالتە كوچا يولىدا 2100 مېتىر ئېرىقنى يېڭىدىن ياساپ، 80 نەچچە ئائىلىلىك ئاھالىگە نەپ يەتكۈزدى.

باغچا 2-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى مەمەت قۇربان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:«ليەندۈيىمىزنىڭ ئورمان بەلبېغى ۋە كۆكتاتلىقى ئىلگىرى يامغۇر سۈيىدە سۇغىرىلاتتى، ھازىر ئېرىق بار بولدى، كۆپ يىللاردىن بۇيانقى سۇغارغىلى بولماسلىق مەسىلىسى ھەل بولدى، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت.»

باغچا 2-ليەنىنىڭ «ئىككى كومىتېت»ى ۋە ليەندە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ليەندۈينىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ياخشى تۇرمۇش ئادىتى ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقى ئېڭىنى تەدرىجىي كۈچەيتتى. بۇ يىل 5-ئايدا، باغچىدا تۇرۇشلۇق 2-ليەننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ليەندۈيدە «گۈزەل ھويلا-ئاران مېنىڭ ئۆيۈم» باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، 200دىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى پائال قاتناشتى، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر يەنە تەشتەككە تىكىلگەن يېشىل ئۆسۈملۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

«ھازىر ليەندۈي بارغانسېرى گۈزەللەشتى، ئاسفالت يول ياسالدى، يول چىراغلىرى ئورنىتىلدى، كوچا يوللىرىغا يەنە مېۋىلىك دەرەخ تىكىلىپ، گۈل ئۆستۈرۈلدى.» باغچا رايونى 2-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى تۇرسۇن داتۇراخۇن ليەندۈينىڭ مۇھىتىدىن ئىنتايىن رازى ئىدى.

ليەندۈينىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ليەندۈينىڭ «قىياپىتى»نىڭ گۈزەللىشىشىگە ئەگىشىپ، باغچا 2-ليەنىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرمۇ سودا قىلىشنى ئويلىشىشقا باشلىدى.

بۇ بىر نەچچە كۈندە، خىزمەتچى ئالىم ئابلىز ھويلىسىنى كۆڭۈل قويۇپ تۈزەشتۈردى، ئۇ ھويلىدا دېھقانلار ئارامگاھى ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.

ئالىم ئابلىز كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز كۆكتات ۋە مېۋە ـ چېۋە تېرىدۇق، توخۇ بىلەن قوي باقتۇق، مېنىڭ يەنە تاماق ئېتىش ھۈنىرىم بار، ھازىر ساڭشېن كوچىسى ئىشىك ئالدىغىچە ياسالدى، بۇنىڭدىن كېيىن ليەندۈيگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.»

بۈگۈنكى كۈندە، باغچا 2-ليەنى تۇەن-چاڭ ۋە ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ساياھەتچىلەرنىڭ يېزا-كەنت ساياھىتىدىكى «داكا قىلىدىغان جاي»غا ئايلاندى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە دېھقانلار تۇرمۇشىنى ھېس قىلىپ، مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، ئىشچى- خىزمەتچى ئاممىنى ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىلەندۈردى، كىشىلەر گۈزەللىك بەرپا قىلىش بىلەن بىللە بايلىق يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىچىك ھويلىنى كىرىمنى ئاشۇرۇش باغچىسىغا ئايلاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى