تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

بەيشىفېڭ تېغى يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى باشلاندى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر دۇ لېي، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ جياچى، نۇرمانبېك فوتوسى، خەۋىرى): 10-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 11دە، مۇسابىقە بۇيرۇق تاپانچىسىنىڭ ئېتىلغان ئاۋازى بىلەن تەڭ، شىنجاڭ ئىلى ئوبلاستلىق تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك تەنتەربىيە باش جەمئىيىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان 2020-يىللىق بەيشىفېڭ تېغى يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن كەلگەن 118 مارافونچە يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى مۇسابىقىگە قاتناشتى.

 

 ماھىرلار مۇسابىقىدە.

  بۇ قېتىمقى مۇسابىقە چاپچال ناھىيەسى تەۋەسىدىكى غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى بويىدىكى تۆگە ئۆتىڭىدىن باشلىنىپ، بەيشىفېڭ مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسىدا ئاخىرلاشتى، مۇسابىقە يولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 21.095 كىلومېتىر. مۇسابىقە 4 گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپىدىن ئالدىنقى 6 ماھىر تاللاندى.

  ياشلار گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان تۇرابىل تولقان بۇ يىل 23 ياش بولۇپ، 18 يېشىدىن باشلاپ كەسپىي مەشىق قىلغان، مەملىكەت خاراكتېرلىك يېرىم مۇساپىلىك، پۈتۈن مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە كۆپ قېتىم قاتناشقان، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بىر سائەت 22 مىنۇت 22 سېكۇنتلۇق نەتىجە بىلەن ئەرلەر گۇرۇپپىسى بويىچە چېمپىيون بولدى.

  تۇرابىل مۇنداق دېدى: «مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە كۆپ قېتىم قاتناشقان بولساممۇ، تاغلىق يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە يەنىلا تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىشىم ھېسابلىنىدۇ، ياخشى يۈگۈردۈم. چاپچال ناھىيەسىنىڭ مۇھىتى ئىنتايىن ياخشى، ھاۋاسى ساپ، تەبىئىي مۇھىتى گۈزەل ئىكەن، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تەبىئىي مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، ئادىمىيەت مۇھىتىنى ھېس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  چاپچال ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جۇ لياڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى تېخىمۇ كۆپ كىشىگە چاپچال ناھىيەسىنى چۈشەندۈرۈپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرتىپلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇ «1-ئۆكتەبىر» مەزگىلىدە، چاپچال ناھىيەسى مەدەنىيەت، ساياھەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى چاپچالغا باشلاپ، كۈز ۋە قىش پەسىللىك ساياھەتنى قىزىتىشتىكى كونكرېت تەدبىر.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى