تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

كۈز پەسلىدە يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار (1)

كۈز پەسلى دەل قۇۋۋەت تولۇقلاشقا ماس كېلىدىغان پەسىل. جۇڭشەن داشۆسى سۈن يىشيەن خاتىرە دوختۇرخانىسى كىلىنىكىلىق ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسورى چېن چاۋگاڭ مۇنداق دېدى: ياز پەسلىدە تەرلەش ۋە ھەرىكەت بىلەن خوراتقان ئوزۇقلۇقنى تولۇقلاش ئۈچۈن، كۈز پەسلىدە مۇۋاپىق قۇۋۋەت تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن زىيادە تولۇقلاشقا بولمايدۇ، بولمىسا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. خالىغانچە گۆشنى كۆپ يىيىش، قارىغۇلارچە قۇۋۋەت تولۇقلاش، ئەسلىدىلا «چوڭ يەپ-ئىچىش»نى ياقتۇرىدىغان، ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن، سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسىلى بار كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بەلكىم زىيادە تولۇقلاش بولۇشى مۇمكىن.

كۈز پەسىلدە يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىلار:

مايسىز يېمەكلىك

تاماق ئەتكەندە، «مايسىز، تۇزسىز بولۇش» پرىنسىپىغا ئەمەل قىلغاندا، قاندا ياغ تەركىبى يۇقىرى بولۇش، يۇقىرى قان بېسىمى ۋە سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. قورۇما تەييارلاشتا ھوردا پىشۇرۇش، دۈملەش، قاينىتىشنى ئاساس قىلىش، ئۇنىڭدىن قالسا قورۇش، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىش كېرەك. شۇنداقلا تاتلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى كونترول قىلىش كېرەك.

دائىم كۆكتات-مېۋىلەرنى يېيىش

جۇڭيى تېبابىتىدە يېمەكلىك بويىچە داۋالاشتا كۈز پەسلىدە «ئاچچىقنى ئاز يېيىش، چۈچۈمەل يېمەكلىكنى كۆپرەك يېيىش» كېرەك، دەپ قارىلىدۇ. «ئاچچىق» دېگىنىمىز ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ، بۇنداق يېمەكلىكلەرنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك، «چۈچۈمەل» دېگىنىمىز ھەرخىل كىسلاتالىق تەركىبگە ئىگە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئالما، نەشپۈت، ئانار، ماڭگو، يۇۋزى، ئۈزۈم، ياڭتاۋ، شەنجا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ناۋادا شارائىتىڭىز يار بەرسە، شۇ پەسىلدە تەبىئىي ئۆسكەن ۋە پىشقان كۆكتات-مېۋىلەرنى تاللىسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن، كۇگۇا، ليەنئوۋ، شىزى، كۈزلۈك نەشپۈت، شوخلا قاتارلىقلار. ئەنئەنىۋى يېمەكلىك بىلەن داۋالاشتا، چىلان-نەشپۈت قايناتمىسى، شېكەر قومۇش-بەيئوۋ شەربىتى، گۈلسامساق بوتقىسى قاتارلىقلار تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇ يېمەكلىكلەر مەنپىيلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، ئىسسىقنى ھەيدەش، ھۆللۈك يەتكۈزۈپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش، يۈرەكتىكى ئىسسىقلىقنى تازىلاپ، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇش قاتارلىق رولى بار.

سۇنى كۆپ ئىچىش

كۈزدە ھاۋا نىسبەتەن قۇرغاق بولىدۇ، شۇڭا سۇنى كۆپ ئىچىش ھەمدە سۇ تەركىبى يۇقىرى كۆكتات-مېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك، مەسىلەن، ئاق نەشپۈت، كاۋا-قاپاق تۈرىدىكى كۆكتاتلار. كۈندە 1500-1700 مىللىلىتىر سۇ ئىچىش، ئىسسىق قايناقسۇ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز بولالايدۇ، ئۇنىڭدىن قالسا سۇس چاي ۋە ھەرخىل سۈزۈك، پاكىز ئىچىملىك سۇلار، ئىمكانقەدەر ھەرخىل ئىچىملىكلەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى